ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارار لايىھىسى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر
2007.06.27
6-ئاينىڭ 26- كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى قارار لايىھىسى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ھۈسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىشى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى توختىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنلىك خەۋىرى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى.
ئۇنداقتا بۇ لايىھىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە، بۇ لايىھە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلەر، بۇ لايىھە تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بىز يۇقىرىقىغا ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئوقۇتقۇچىسى ھاسان ئالى كاراسار ئەپەندى بۇنىڭ ناھايىتى ياخشى باشلانغۇچ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "بۇ خىل لايىھە بۇرۇن تەيۋەن ۋە تىبەت ھەققىدە قوبۇل قىلىنغان ئىدى. تەيۋەن ۋە تىبەت ھەققىدە بۇ لايىھىلەر قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن خىتاينىڭ تىبەت ۋە تەيۋەن سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەن بولسا ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ شۇنداق تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەنچە بۇ لايىھىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنىڭ ئازىيىشى ئۈچۈن بەك كۆپ تەسىرى بولمىسىمۇ، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بىر لايىھەدۇر."
ھاسان ئالى كاراسار ئەپەندى يەنە: "ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە بولۇپمۇ تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە شەرقىي تۈركسىتان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتا توسالغۇلارغا دۇچار بولماقتا. بۇ لايىھە ئەگەر كونگرېس تەرىپىدىن رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلانسا، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىدۇ ۋە چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي مۇجادىلىسى كۈچلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن بىرى قىسىم دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى، چەتئەلگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ لايىھىدىن كېيىن خىتاينىڭ دېگەنلىرى ئاقمايدۇ. تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگىمۇ مۇسبەت تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن،" دېدى.
تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مەزكۇر قارارنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، تىبەتلەر ئۈچۈن بۇنىڭغا ئوخشاش قارارنىڭ 1987- يىلى 9- ئايدا ئامېرىكا كونگرېسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن بىر يىل كېيىنلا ياۋرۇپا پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن تىبەت رەھبىرى دالاي لاماغا نوبېل مۇكاپاتى بېرىلىپ چەتئەللەردىكى تىبەت ھەرىكىتىنىڭ جانلانغانلىقىنى ئېيىتتى.(ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارار لايىھىسى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ھۆسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
- ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش - خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىغا ھەم خەلقئارالىق قانۇنلارغىمۇ خىلاپ
- خىتاينىڭ 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' دېگەن سىياسىتى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان سىياسەت
- خىتاي تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقارماقچى بولىۋاتىدۇ
- گۇەنتانامو ئويۇنىنىڭ پېچكىلىرى
- جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا -ئانىسى بېسىم ئاستىدا ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولدى
- ئامېرىكىدىكى دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ ئۇتۇقى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدە قانداق رول ئوينايدۇ ؟
- خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقى ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
- خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى "قانۇن دۆلىتى دىئالوگى" (2)
- خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى "قانۇن دۆلىتى دىئالوگى" (1)
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر بالىلىرىنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە
- گۇانتانامودىكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۈچۈنچى قېتىملىق سوتى ئېچىلدى