تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت ئەكىچى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت


2008.02.20

2-ئاينىڭ 5-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا غۇلجا ۋەقەسى شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى، ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت ئەكىچى ئەپەندى، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمى يىغىندا سۆز قىلىپ، 500دىن كۆپ پارلامېنت ئەزاسى ۋە مىنىستىرلارغا غۇلجا ۋەقەسى شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن تۈرك ھۆكۈمىتىنى قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىغە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان ئىدى. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت ئەكىچى ئەپەندى بىلەن پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەھمەت ئەكىچى ئەپەندى، سىز ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: "مېنىڭ پەقەتلا بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ۋەقەلەر مېنىڭ ھاياتىمنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۈگۈن سىزنى ژۇرنالىست دەپ ئەمەس، ئۆز قېرىندىشىم دەپ قوبۇل قىلىپ سىز بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەن ئالدى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا سالام يوللايمەن. خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەن بولسىمۇ، ھازىر ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە ۋە يوق قىلىۋېتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بىز بۇنى يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرى ئەڭ كۆپ دەپسەندە بولىۋاتقان يەرلەردىن بىرى.

پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت ئەكىچى ئەپەندى خىتايلار ئۇيغۇرلارغا بۇنداق بىر بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە نېمىلەرنى قىلىش كېرەك دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "مەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىگە ۋاكالىتەن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىمەن. بۇ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇش نىزامنامىسىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى تەقىپ قىلىش ۋە بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك پارلامېنتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتۇر دەپ بەلگىلەنگەن. باشقا دۆلەتلەردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدە ماتېرىيال توپلاپ رەتلەپ تەكشۈرۈپ چىقىدىغان تارماقلىرىمىزمۇ بار. مەن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كونكېرت نېمىلەرنى قىلالايمىز بۇ ھەقتە ھازىرچە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، ئەمما مەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن. ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدە ماتېرىياللار بولسا، پارلامېنتىمىزنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىغا يەتكۈزۈپ بەرسەڭلار، بىز بۇ ھەقتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىمىز. مېنىڭ سىلەرگە بولغان تەۋسىيەم پارلامېنت ئەزالىرىغا بۇ مەسىلىلەرنى ئاڭلاتقاندىن باشقا، بىزنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىغا بۇ ھەقتە ئىلتىماس سۇنساڭلار بىز بۇ مەسىلىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىپ تۇرىمىز. شەرقىي تۈركىستان ئۇزاق ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان نى دۇنياغا ئېتىۋالغان، ئۇ يەردە بولىۋاتقان ھادىسىلەردىن دۇنيا خەۋەردار ئەمەس. تۈرك خەلقىمۇ ياخشى بىلمەيدۇ. ھەتتا بەزى سىياسەتچىلەرنىڭمۇ شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسىدىن خەۋىرى يوق. شۇڭا ئەگەر سىلەر شەرقىي تۇركىستاننى تۈركىيەدە ياخشى ئاڭلاتساڭلار تۈرك خەلقى ھەر دائىم سىلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ."

پارلامېنت ئەزاسى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت ئەكىچى ئەپەندى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى نېمە؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتايغا قارىتا دۆلەت سىياسىتى بار. ئەمما بۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىر سىياسەت. يەنى تۈركىيىنىڭ خىتايغا قارىتا ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرى بار، ئۆزگەرمەس بىر سىياسىتى يوق. ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى تارتىۋاتقان زۇلۇمدىن خەۋىرى بولمىسا، ئۇ دۆلەتكە قارىتا بىر دۆلەت سىياسىتىنىڭ شەكىللىنىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2008-يىلىنىڭ مەخمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلىنىشى كىشىنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر ھادىسە. بۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى قېيىن بىر مۇجادىلە، ھارماي تالماي ئۈمىتسىزلەنمەستىن ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقىشى ئۈچۈن پايدىلىق. تۈركىيە پارلامېنتى بىلەن مۇناسىۋىتىڭلارنى كۈچەيتىڭلار دېيىشىمدىكى سەۋەبمۇ بۇ. تۈركىيە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇكەممەل بىر شەرقىي تۇركىستان سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمەن، خۇدايىم بۇيرىسا ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ سىياسەتنى تۈزۈپ چىقىمىز."

مەھمەت ئەكىچى ئەپەندى سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، بۈگۈن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورىزمنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۇنداق قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېررورىزمنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغانلار تۈركىيىدە ئىنتايىن ئاز. بۇ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تەشۋىقاتىدۇر. ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە ئەقەللى ئىنسان ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرنى تېررورىست دەپ ئېيىبلاش بەزى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت سىياسىتىگە ئايلىنىپ قالغان. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا قورال ياراق ئېلىپ چىقىپ خىتايلارنى ئۆلتۈرگىنى يوق. ئەسلىدە خىتايلار ئېغىر ئاياق ئاياللارنىڭ قارنىدىكى 6-7 ئايلىق بالىلارنى ئالغان ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھەققى بار، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇنىمۇ قىلمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى تېررورىست دېيىش پەقەتلا ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق ئەمەس." (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.