0:00 / 0:00
ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىگە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ بەش نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن، 21 – دېكابىر كۈنى ئۇلارغا ئاتاپ دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمدا سۆز قىلغان تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوگان بۇ ئىش تۈپەيلى كۆڭلىنىڭ ناھايىتى يېرىم بولغانلىقىنى ئېيتىپ، قۇتلۇق بىر سەپەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇ خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ شېھىتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ھەققىدە سۆزلىدى.
خەلقنىڭ ياشلىرى سەل بولۇپ ئاققان بۇ مۇراسىمدا، خەلق بىردەك ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن قاتىللارنى تېپىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىڭ ئاڭلاڭ.