تۈركىيىنىڭ ئىسپارتا ۋىلايىتىدە «ئۇيغۇر تۈركلىرى» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە 2012-يىلىنى «خىتاي يىلى» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە قارشى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.03.27
isparta-walisi-memduh-oghuz-305.jpg سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئىسپارتا ۋالىسى مەمدۇھ ئوغۇز ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىدا. 2012-يىلى 27-مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

بۇ قارارغا ئاساسەن 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى تۈركىيىنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلەردىن بىرى بولغان ئىسپارتا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ئىسپارتا شەھىرىدىكى سۇلايمان دېمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا «ئۇيغۇر تۈركلىرى» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

isparta-shehri-bashliqi-yusup-ziya-gunaydin-385.jpg
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئىسپارتا شەھرى باشلىقى يۈسۈپ زىيا گۇنايدىن ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىدا. 2012-يىلى 27-مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 2 سائەت داۋاملاشقان بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، چەتئەلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدىن كۈتكەنلىرى ھەققىدە توختالدى. يىغىننى ئىسپارتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش» ناملىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

isparta-doklat-anglighuchilar-385.jpg
تۈركىيىنىڭ ئىسپارتا ۋىلايىتىدىكى «ئۇيغۇر تۈركلىرى» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار. 2012-يىلى 27-مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى راشىت ئۇلاش چېتىنقايا باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى ئىسپارتا ۋالىسى مەمدۇھ ئوغۇز ئەپەندى ھەم ئىسپارتا شەھەر باشلىقى يۈسۈپ زىيا گۈنايدىن ئەپەندى ئۆز ئىشخانىلىرىدا قوبۇل قىلىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ۋە يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.