تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى خاتىرىلەندى


2007.11.12

Turkiyede-JumhurKuni-200.jpg
تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74-يىللىقى، غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 63-يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى. RFA Photo/Erkin Tarim

تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە 12 - نويابىر كۈنى قەشقەردە ئېلان قىلىنغان، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 - يىللىقى، غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 63-يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى.

11 - نويابىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 يېرىمدا ئەنقەرە كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى\ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى `شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلابى` تېمىسىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ياپون تىلى ئوقۇتقۇچىسى در. مەرتخان دۇندار ئەپەندى بولسا "شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە ياپونىيە " تېمىسىدا، بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ھەسەن ئالى قاراسار ئەپەندى بولسا `تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى` تېمىسىدا سۆز قىلدى.

ئەنقەرە كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شېھىدلەر ئۈچۈن بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى. كېيىن يىغىنغا تېلېگراف ئەۋەتكەن كىشىلەرنىڭ تېلىگراممىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالى باباجان، مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۇنەي، ئېنېرگىيە مىنىستىرى ھىلمى گۇنەر، دۆلەت مىنىستىرى مۇستافا سايىت يازىجىئوغلۇ، نىمەت چۇبۇقچۇ، مەھمەت شىمشەك قاتارلىق كىشىلەر تەبرىكلەش تېلىگراممىلىرى ئەۋەتكەن.

تەبرىكلەش تېلىگراممىلىرى ئەۋەتكەن كىشىلەر ئارىسىدا كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىياسى پارتىيە رەھبەرلىرىمۇ بار. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.