يېقىندىن بۇيان، خەلقئارادا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردە 'پ ك ك مەسىلىسى' كۈندە دېگىدەك تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. 'پ ك ك' دېگەن 'كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسى' دېگەننىڭ ئېنگلىزچە قىسقارتىلمىسى. بۇ مەسىلە ھەققىدە 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' ئەڭ كۈپ خەۋەر بېرىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى ئوخشىمىغان ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان نوقتىدىن ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىنى تولۇق ئاڭلاش مەسىلىنى ياخشى چۈشىنىشنىڭ ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر.
تۈركىيە ھازىر 100 مىڭ كىشىلىك ھەربىي قوشۇنىنى ئىراق چېگرىسىغا توپلاپ قويدى
خىتاينىڭ 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' بۈگۈن 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۈركىيە ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋەردە "بۇنىڭدىن بۇرۇن تۈركىيىنىڭ NTV خەۋەرلىرىدە، 'پ ك ك' نىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۈركىيە ئىراقنىڭ شىمالىغا ئۇچىدىغان يولۇچى ئايرۇپىلانىنى توختىتىشنى قارار قىلدى، دېگەن ئىدى. بۈگۈن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەر دوغان ئىراققا ئۇچىدىغان يولۇچى ئايرۇپىلاننى توختىتىش ھەققىدە قارار ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى" دەپ بايان قىلدى.
'شىنخۇا ئاگېنتلىقى'نىڭ بۇ خەۋىرىدە يەنە " تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى جەمىل چېچەك تۈنۈگۈن 'تۈركىيە تېررورچىلارغا قارشى پۈتۈن لىنىيىدە ئۇرۇش قىلىشقا تەييار' دېدى. تۈركىيە ھازىر 100 مىڭ كىشىلىك ھەربىي قوشۇنىنى ئىراق چېگرىسىغا توپلاپ قويدى" دەپ بايان قىلدى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 'پ ك ك' گە قارىتا ھەربىي، سىياسىي، دېپلوماتىيە قاتارلىق ھەممە ساھەدە تەدبىر قوللىنىدۇ
ب ب س نىڭ بۈگۈن 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۈركىيە ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە "تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن 'پ ك ك' چىلارغا ئىقتىسادىي جازا قويۇشنى قارار قىلدى" دەپ خەۋەر قىلدى. ب ب س نىڭ بۇ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىراق ھۆكۈمىتىمۇ يول ئېغىزلىرىدا تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈش پونكىتى تەسىس قىلىپ 'پ ك ك' نىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشكە كىرىشكەن.
تۈركىيە بولسا 'پ ك ك' مەسىلىسنى چېگرىدىن چىقىپ تەلتۆكۈس ھەل قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. يېقىندا 'پ ك ك'غا زەربە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تەرەپ تۈركىيىنى 'پ ك ك' تېرروچىلىرىنىڭ ئىراقتىكى پائالىيەتلىرى، جۇغراپىيىلىك ئورنى قاتارلىق تېخىمۇ مۇئەييەن ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالى باباجان " تۈركىيىنىڭ 'پ ك ك' غا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى ئىراققا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىك ئەمەس، بۇ خەلقئارادا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى 'پ ك ك' تېررورچىلىرىغا قارىتا ھەربىي، سىياسىي دېپلوماتىيە قاتارلىق ھەممە ساھەدە تەدبىر قوللىنىدۇ' دېگەن.
تۈركىيىدە 'پ ك ك' ھەققىدە قارار ماقۇللانغاندا پايدىسىز ئامىللارمۇ نەزەردە تۇتۇلغان
بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن، تۈركىيە پارلامىنتىدا، بىر يىلغىچە چېگرىدىن چىقىپ كۇرد توپولاڭچىلىرىنى تازىلاش ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش قارارى ماقۇللانغان ئىدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىنىشىچە، تۈركىيە پارلامىنتىدا ماقۇللانغان بۇ قارارغا 550 نەپەر پارلامىنت ئەزاسىدىن ئاران 19 كىشى قارشى ئاۋاز بەرگەن.
تۈركىيىدە بۇنداق بىر قارار ماقۇللانغاندا، پايدىسىز ئامىللارمۇ نەزەردە تۇتۇلغان. مەسىلەن: ھازىر ئىراقنىڭ شىمالىدا 'مىللى ھوقۇق' نامى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان، بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان 'پ ك ك' نى ئىدارە قىلىشقا ھازىرقى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىدارى يەتمەيدۇ؛ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى 'پ ك ك' خالىغان ۋاقىتتا تۈركىيىدە ۋەقە تۇغدۇرالايدۇ؛ گەرچە تۈركىيە كىچىك كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاشقا ماھىر بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنىلا خەتىرى بار؛ تۈركىيىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى سەۋەبىدىن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نېفىتلىكلەردە مەسىلە چىقىش ئېھتىمالى بار، ئۇنداق بولسا، ئامېرىكا، ئىراق، ئىرانمۇ بۇ جېدەلگە كېرىپ قالىدۇ.
تۈركىيە تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە شۇكى، تۈركىيە كۆپ ھاللاردا ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر كومىتېتى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تۈركىيىدە ئۆلگەن ئەرمىنىيلەر مەسىلىسىنى 'مىللىي قىرغىنچىلىق' دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەگەر تۈركىيە 'پ ك ك'غا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە كېڭەيتىۋېتىش يۈز بەرسىلا، ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى مۇرەككەپلىشىپ قالىدۇ. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركىيە بۇ مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلماقتا.
'پ ك ك' خەلقئارالىق تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى پارتىيە
ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 'پ ك ك' دېگەن 'كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسى' دېگەننىڭ ئېنگلىزچە قىسقارتىلمىسى. بۇ پارتىيىنىڭ قوراللىق پارتىزانلىرىنى 1970 - يىللاردا ئابدۇللا ئوجالان تەشكىللىگەن. ئۇ 1999 - يىلى تۇتۇلغانغا قەدەر ئۆزى رەھبەرلىك قىلغان.
'پ ك ك' نىڭ ئاڭ-پىكىر فورمىسى ماركىسىزم-لېنىنىزم ۋە كۇرد مىللەتچىلىكى. مەقسىتى تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، ئىراقنىڭ شەرقىي شىمالى، سۈرىيىنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە ئىراننىڭ غەربىي شىمالى قىسمىدىكى جايلاردا كۇردىستان دۆلىتى قۇرۇش. ئەمما يۇقۇرقى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. پ ك ك ئۇزۇندىن بۇيان 'تىنچ خەلق ئارىسىدا دەھشەتلىك ۋەقە پەيدا قىلىش' شەكلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ۋە مەقسىتىگە يېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ تەشكىلاتنى ئامېرىكا، ناتو، ياۋروپا بىرلىكى تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى. (ۋەلى)