تۈركىيە قوشۇنى كۈرد قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا قاتتىق زەربە بەردى


2008.02.25

turk-askeri-iraqta-200.jpg
تۈركىيە ئارمىيىسى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى شىمالىي ئىراقتا ئۇۋا قۇرغان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كەڭ كۆلەمدە ئەسكىرى ھۇجۇم باشلاتقان. Erkin Tarim

تۈركىيە ئارمىيىسى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى شىمالىي ئىراقتا ئۇۋا قۇرغان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كەڭ كۆلەمدە ئەسكىرى ھۇجۇم باشلاتقان ئىدى. بۈگۈنگىچە بولغان 4 كۈنلۈك ھۇجۇمدا تۈرك ئارمىيىسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن شىمالىي ئىراقنىڭ چېگرىسىنىڭ ئىچىدىكى پ ك ك تېررور تەشكىلاتى ئەزالىرى بار دەپ قارالغان 63 يەرنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، ئۆلتۈرۈلگەن تېررورىستلارنىڭ سانى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئەمما قۇرۇقلۇقتا تۈرك ئارمىيىسى بىلەن ئېتىشىشتا ئۆلتۈرۈلگەن تېررورىست سانى 153 بولۇپ، بۇ جەرياندا شېھىت بولغان تۈرك ئارمىيىسىنىڭ سانى 17. ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ ھۇجۇمدىن قاچقان پكك تېررور تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئىران چېگرىسىغا قاراپ قېچىۋاتقانلىقىغا، تۈركىيىنىڭ بۇ ھەقتە ئىران ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىغا، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە تەدبىرنى ئالغانلىقىنى، تېررورىستلارنىڭ ئىرانغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە يەر بېرىلگەن.

بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا بىر تۈمەندىن ئارتۇق تۈرك ھەربىي خادىمى قاتناشقان بولۇپ، پكك تېررور تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى بومباردىمان قىلىنغان. شىمالىي ئىراققا بىرىنچى بولۇپ كىرگەن قوشۇن بۈگۈن تۈركىيىگە قايتتى. 100 ھەربىي ماشىنىدىن تەركىپ تاپقان قوشۇن 24-فېۋرال كۈنى ئاخشام قار كىيىملىرىنى كىيگەن ھالدا، تۈركىيە ئىراق چېگرىسىغا جايلاشقان چۇقۇرجانىڭ ئۇزۇملۇ يېزىسىدىكى ھەربىي رايونىغا يېتىپ كەلدى، تۈرك تېلېۋىزيىلىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە قارىغاندا تۈرك ئارمىيىسىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيە ئىراق چېگرىسىدىكى پ ك ك تېررورىست بازىسىغا كەڭ كۆلەمدە ئەسكىرى ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشقا تەمشەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن بۇ ھەقتە ھەم پىكىر بولمىغاچقا ئېلىپ بارالمىغان ئىدى. بۇ قېتىمقى بۇ ئەسكىرى ھۇجۇمغا ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا قىسقا مۇددەتلىك رۇخسەت قىلغان بولۇپ، تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا يەر ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكا تۈرك ئارمىيىسىنىڭ شىمالى ئىراقتىن بالدۇرراق چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان.

ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى سانىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى رەھا دەنەمەچ ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىغا يەر بېرىلگەن بولۇپ، باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: "تۈركىيە شىمالىي ئىراققا ئامېرىكىدىن سورىماي تۇرۇپ ھەربىي ھۇجۇم ئېلىپ بارسا، ئىراق ئەسكىرى بىلەن ئەمەس، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن توقۇنۇشقا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا دۇنيادىكى ھەددىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت، تۈركىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورتىقى، ئىتتىپاقداش دۆلىتىمىز. شۇڭا ئامېرىكا بىلەن بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ھەربىي ھۇجۇم باشلاتتۇق."

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تۈركىيىنىڭ كۈرد مەسىلىسىنى سىياسى جەھەتتىن ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 25-فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبەرت گەيتەسنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا يەر بېرىلگەن. ئۇ تۈرك ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي ئىراققا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇمىنىڭ كۈرد مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھۇجۇمنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، بۇ ئەسكىرى ھەرىكەت بىلەن بىرلىكتە كۈرد مەسىلىسىنى سىياسى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەل قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتەس ھازىر ئاۋسترالىيىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان 3 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا بۇ باياناتنى بەرگەن بولۇپ، باياناتىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ تۈرك ئارمىيىسى شىمالىي ئىراققا كىرىشتىن بۇرۇن، ئىراق ھۆكۈمىتىگە يوليورۇق بەرگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ پكك تېررور تەشكىلاتى ھەققىدىكى بەزى مەلۇماتلارنى تۈرك ئارمىيىسىگە بەرگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئامېرىكا، ئىراق ھۆكۈمىتى، شىمالىي ئىراق كۈرد رايونىنىڭ رەھبەرلىرى تۈرك ئارمىيىسىنىڭ بۇ ھۇجۇمىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، تۈرك ھۆكۈمىتى باياناتچىسى جېمىل چىچەك ئەپەندى، 24-فېۋرال كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۈرك ئارمىيىسىنىڭ بۇ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىنى قايتا قايتا مۇزاكىرە قىلىش نەتىجىسىدە باشلانغانلىقىنى، شىمالىي ئىراق چېگرىسىدىكى تېررورىستلارنى تەل تۆكۈس تازىلاماستىن تۈرك ئارمىيىسىنىڭ ھەرگىز ئۇ يەردىن چېكىنىپ چىقمايدىغانلىقىنى، تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە 70 مىليون تۈرك خەلقىنىڭ تۈرك ئارمىيىسىنى چىڭ يۈرەكتىن قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۈگۈن تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۈرك ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي ئىراققا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسكىرى ھۇجۇمىنىڭ پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.