تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن "ساباھ" گېزىتىدە 3 كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارى
2006.07.24
يېقىنقى يىللاردىن بەرى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالىلار ئېلان قىلىنماقتا. 3 كۈندىن بۇيان تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ساباھ گېزىتىدە تونۇلغان ئوبزورچى ياۋۇز دوناتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ زىيارىتى ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىغا يەر بېرىلمەكتە.
تۈرك خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتى باشلىقى كامال بايتاش باشچىلىقىدىكى، سىياسەتچى، تىجارەتچى ۋە ژورنالىستلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا بارغان. كېيىن ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشىگە رۇخسەت قىلغان. ساباھ گېزىتى ئوبزورچىسى ياۋۇز دونات 7 - ئاينىڭ 23 -كۈنىدىكى ئاسىيادىكى ئاناتولىيە ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بۇ زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ:
بىز تۈركىيە خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتايغا باردۇق، بېيجىڭدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى، خىتاي تۈرك دوستلۇق جەمئىيىتى باشلىقى ئىسمائىل ئەمەت بىزگە زىياپەت بەردى. بۇ زىياپەتتە تۈركىيە خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتى باشلىقى كەمال بايتاش، خىتاي تۈرك دوستلۇقىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن ئىسمائىل ئەمەتكە مېدالىئون تەقدىم قىلدى ۋە زىياپەتتە سوز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھۆرمەتلىك ئىسمائىل ئەمەت ئەپەندى، سىزگە بىر ئىلتىماسىم بار. تۈركىيىدىن كەلگەن ھەيئەتنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئاپىراي دەيمەن. خىتايلار تۈركلەرنىڭ بۇ رايوندا بېرىشىنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. بۇ سوئالغا ئىسمائىل ئەمەت جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەنلىكىنى يازىدۇ: "خىتايدا خالىغان يەرگە بارساڭلار بولىدۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغىمۇ بارىسىلەر".
ئوبزورچى ياۋۇز دونات "ئاسىيادىكى ئاناتولىيە"ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نوپۇسى، يۇز ئۆلچىمى ۋە ئېتنىك قۇرۇلمىسى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، ئىقتىسادى ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باي نېفىت بايلىقىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇ يەرنى خىتاينىڭ غەزىنىسى دەيدىكەن، ئەمما بېيجىڭ شاڭخەيلەرگە سېلىشتۇرغاندا بەكلا ئارقىدا قالغان.
ياۋۇز دونات ئوبزورىدا ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەرنى، مېھمانسارايلارنى ۋە ئۇيغۇرچىنى تەرجىمان ئىشلەتمەستىن چۈشۈنەلىگەنلىكىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن ئىسلام ئىنستىتۇتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئۇيغۇر ئىسلام ئىنستىتۇتى 1982 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دەرسلىرىنىڭ 30% پەنگە ئائىت دەرسلەر، 70% تى دىن دەرسلىرى ئىكەن، بۇ مەكتەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەسچىتلەرگە ئىمام يېتىشتۇرىدىكەن. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ۋىدالاشقاندا قاتتىق ھېسىياتلىنىپ كەتتۇق، مۇئەللىملەرنىڭ ھەممىسى بوينىمىزگا ئېسىلىپ، تۈركىيە ياخشى ۋەتەن، تۈركلەرگە سالىمىمىزنى يەتكۈزۈڭلار، خۇداغا ئامانەت بولۇڭلار، دېدى.
ياۋۇز دونات ئەپەندى ئوبزورىدا ئۈرۈمچىدىكى ئاشخانىلارنى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم كويۇش ئادەتلىرىنىمۇ ئاڭلاتقان. ئۇ ماقالىسىدە ئۈرۈمچىنى ئىچكىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
بېيجىڭ كوچىلىرىدا BMW، Mercedes ماشىنىلار ناھايىتى كوپ ئىكەن، ئۈرۈمچىدە بىر ئىككى Mercedes ئاران كۆردۇق، ماشىنىلارنىڭ كۆپى كونا ماشىنا ئىكەن، كوچىلاردا ئات ھارۋىسى بىلەن كاۋاپچى كوپ ئىكەن.
ساباھ گېزىتىنىڭ 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان "تەڭرى تېغىنىڭ باغرىدا" ماۋزۇلۇق ئىككىنچى ماقالىسىدە ئوبزورچى تۇرپاندىكى تەسىراتلىرىنى يازغان. ئۇ، ئوبزورىدا تۇرپاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى، نوپۇسىنى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى، تارىخى يەرلىرىدىن ئەمىن غوجا مەسچىتىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن ماقالىسىنى شۇنداق تاماملايدۇ:
بىز ھازىر تۈركىيىدىن 10 مىڭ كىلومېتر ئۇزاقتا بولغان تۇرپاندا. بۇ يەردىن تۈركىيىگە كەتكەن ئادەممۇ يوك، تۈركىيىدىن بۇ يەرگە كېلىپ قالغان تۈركلەرمۇ يوك ئىكەن. ئەمما بۇلارنىڭ تىلى بىلەن تۈركلەرنىڭ تىلى، ئۆيلىرى ئوخشاش ئىكەن، بۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ كېيىم - كېچىكىمۇ تۈركلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەن. بىز تۇرپانغا ناھايىتى تەستە كەلدۇق، ئايروپىلاندىن ماشىنىغا ئالمىشىپ ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتا بۇ يەرگە يېتىپ كەلدۇق. راستىنى ئېيتقاندا ئاتىلىرىمىز ئات ۋە تۆگىلەر بىلەن بۇ چۆللەرنى ئېشىپ قانداقمۇ ھازىرقى تۈركىيە زېمىنىغا يېتىپ بارغان بولغىدى؟
ئوبزورچى ياۋۇز دونات 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىكى ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى 3 - ماقالىسى بولغان "قەشقەر - تۈركىيىدىكى شەھەرگە ئوخشاش" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە قەشقەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، نوپۇسى، قەشقەر خەلقىنىڭ ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە تەپسىلى توختالغان. ياۋۇز دونات ئۆزىنىڭ قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ گېپىنى راھەت چۈشىنەلىگەنلىكىنى، قەشقەرنىڭ يىپەك يولىنىڭ ئۈنچىسى بولۇش سۇپىتى بىلەن تۈركىيىدىكى كەنتلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئىقتىسادى جەھەتتىن بەكلا كەينىدە قالغانلىقىنى يازغان.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيىنىڭ ئاۋازى رادىئوسىئۇيغۇر دىيارىغا رادىئو ئاڭلىتىشى بېرىشكە تەييارلىق قىلماقتا
- گېرمانىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان "دوزاخقا قېچىش" ناملىق ئەسەر ئېلان قىلىندى
- ئۇيغۇر ۋەكىللىرى توكات تۈركمەن فېستىۋالغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى
- رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردا
- ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە مەتبۇئاتىدا
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەنتەنىلىك مۇراسىم بىلەن دىپلوما ئالدى
- ئۇيغۇر ۋەكىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق مۇئاۋىن دۆلەت مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
- تۈركىيىدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلمەكتە
- شۋېتسىيىدىكى 4 – دۇنيا ژورنىلى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرماقتا