تۈرك تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇر دىيارىدا (1)

0:00 / 0:00

تۈركىيىدىكى خابەر تۈرك تېلېۋىزيىسىنىڭ داڭلىق پروگراممىلىرىدىن بىرى بولغان ئەنقەرە كوكتىيىل پروگرامىمىسىدا ئۇيغۇر دىيارى تونۇشتۇرۇلماقتا. بۇ پروگرام تۈركىيە خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتى باشلىقى كامال بايتاش، تۈركىيە پارلامېنتى ئادالەت كومىسيونى باشلىقى كوكسال توپتان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت رەسمى زىيارەت ئۈچۈن بەئىجىڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا بارغاندا سۈرئەتكە ئېلىنغان. بۇ ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىنىڭ نوپۇزلۇق قاناللىرىدىن بىرى بولغان ھابەر تۈرك تېلېۋىزىيىسىمۇ تەكلىپ قىلىنغان. بۇ تېلېۋىزىيىنىڭ تونۇلغان مۇخبىرى تاكى دوغان ئەپەندى بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تۈرلۇك زىيارەتلەر ئېلىپ بارغان بولۇپ، 3 كۈندىن بەرى ئەنقەرە كۆكتەيلى پروگراممىسىدا بېرىلمەكتە.

پروگراممىڭ بۇ قىسمى بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە تارتىلغان. پروگرامما جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەمەتنىڭ ھەيئەتكە بەرگەن زىياپىتى بولۇپ، ئىسمائىل ئەمەت بىلەن تۈرك ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ تەرجىمانسىز ھالدا بىر بىرىنى بىمالال چۈشىنىشى ئىنتايىن تەسىرلىك بىر كەيپىيات ياراتقان ئىدى. بۇ زىياپەتنىڭ قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتۈشى، تۈرك مۇخبىرىنىڭ ئىسمائىل ئەمەتكە بەزى سۇئاللارنى سورىشىمۇ ئالاھىدە دىققەت تارتماقتا. چۈنكى، 1991 - يىلى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى تۈركىيىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.

بۇ پروگراممىمىزدا، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم، تۈركىيە ۋەكىللىرىنىڭ بېيجىڭدا خەلق قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى، خىتاي – تۈركىيە دوستلۇق جەمئىيىتى باشلىقى ئىسمائىل ئەمەت بىلەن كۆرۈشۈش جەريانى ۋە ئۈرۈمچى سەپىرى ھەققىدە تۈركىيە تېلېۋىزىيىسىدە بېرىلگەن قىسىملارنى تونۇشتۇرىدۇ.