تۈرك تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇر دىيارىدا (4)

0:00 / 0:00

بۇ پروگرام بىر رېستوراننىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇتۇش بىلەن باشلايدۇ.

بۈگۈن ئاخشام بۇ يەردە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرىمىز. قەشقەر مەدەنىيىتىنى كۆرىمىز. داستىغىنىمىزدا قوي گۆشى ، بېلىق، توخۇ سەي كۆكتات ھەممە نەرسە بار. بۇ يەردە گۆشسىز تاماق يىمەيدىكەن. ئۇيغۇرلار ئەڭ قىممەتلىك مېھمىنىغا تونۇر كاۋىپى ئىكرام قىلىدىكەن. مانا بۇ گۈللەر بىلەن بېزەلگەن تونۇر كاۋىپى ناھايىتى كۆركەم ھەم مېزىلىكتەك كۆرۈنىۋاتىدۇ.

تاماقلار تارتىلىش بىلەن تەڭ نەغمە ناۋالار باشلايدۇ. تۈرك ھەيئەت بىر ياندىن ئۇيغۇر تاماقلىرىغا ئېغىز تەگكەچ بىر ياندىن ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىدىن ھوزۇر ئالدى.

ئۇيغۇرچە مۇزىكىلارنى ئاڭلىغان تۈرك ھەيئەت قاتتىق ھاياجانلىنىپ مۇنداق دەيدۇ:

- بىزنىڭ مۇزىكىلارغا ئوخشامدىكەن؟ - خۇددى بىزنىڭ مۇزىكا. سۆزلىرىمۇ ئوخشاش. بىز بۇ يەردە بىر ئاي قالساق ئۇيغۇرچىنى تولۇق ئۆگىنىپ كەتكۈدەكمىز.

قەشقەر زىيارىتىنىڭ ئىككىنجى كۈنىدە قەشقەر ۋالىسىنىڭ مېھمانلارغا بەرگەن زىياپىتى كۆرسىتىلىدۇ. بۇ زىياپەتتە خەۋەرتۈرك مۇخبىرى تاكى دوغان ئەپەندى قەشقەر ۋالىسىدىن سۇئال سورايدۇ:

تۈرك ئۇيغۇر دوستلۇقى تۇنجى قېتىم مۇنداق يېقىنلاشتى. چۈنكى تۈركىيىدىن قەشقەرگە كەلگەن تۇنجى ھەيئەت ۋە مۇخبىرلار بولىمىز. مەن تۈركىيىگە قايتىش ئالدىدا سىزنىڭ تۈرك خەلقىگە دېمەكچى بولغان كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى ئېلىپ ماڭماقچىمەن. تۈرك خەلقىگە نىمە دېمەكچىسىز؟

قەشقەر ۋالىسى مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:

جۇڭگۇ تۈركىيە دوستلۇقى مەڭگۈ تەرەققى قىلسۇن. تۈركىيە تېخىمۇ راۋاج تاپسۇن. بىز قەشقەر خەلقى تۈركىيىدىكى دوستلارنىڭ قەشقەرگە كېلىپ تىجارەت قىلىشىنى، زاۋۇت – كارخانا قۇرۇشىنى، قەشقەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. بىز تۈركىيە خەلقىگە ۋە تۈركىيىلىك دوستلارغا ياخشى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ۋە ياخشى ساياھەت شارائىتى يارىتىپ بېرىمىز.

پروگرام ئاخىرىدا ھەيئەت باشلىقى كەمال بايتاش ۋە مۇخبىر تاكى دوغان خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بارغان 10 كۈنلۈك زىيارىتىنى خۇلاسە قىلىپ مۇنداق دېيىشىدۇ.

- قەشقەر ۋالىسى بىلەن يېقىن بىر دوستلۇق ئورناتتۇق. ۋالىنىڭ سۆزىدىن تۈركلەرنى بۇ يەرگە چاقىرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. سىز قانداق قارايسىز؟ -مەنچە بۇ پروگرامىمىزنى كۆرگەن تۈرك كارھانىچى ۋە تىجارەتچىلەر، ساياھەتچىلەر چوقۇم قەشقەرگە قىزىقىدۇ دەپ ئويلايمەن. مەن ئىشىنىمەنكى، بىز بۇ ساياھىتىمىز ئارقىلىق ئۇ يەردە تىجارەتچىلەرنى بۇ يەرگە كەلىشكە تەشۋىق قىلغان بولدۇق.

پروگرام ناخشا ئۇسۇللار بىلەن ئاياقلىشىدۇ.

بۇ پروگراممىنى كۆرگەن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار نىمىلەرنى ھەس قىلدى، بۇ ھەقتە سۇلايمان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.