تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بېكىر بوزداغ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلدى

20-مارت كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ مۇئاۋىنى ۋە دۆلەت مىنىستىرى بېكىر بوزداغ ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى ھەيئىتىنى باش مىنىستىرلىق بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بېكىر بوزداغ.
تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بېكىر بوزداغ.
RFA/Erkin Tarim

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باشلىقى مەمەت ئەيسا ئارتىش، ۋەقپنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەسەر ساقا ۋە ۋەقپنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ئەركىن ئەكرەم قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت بېكىر بوزداغ ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى، بولۇپمۇ تۈركىيىدىن چەتئەلگە ئوقۇش ئۈچۈن چىققان ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار، شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ھەم بۇندىن كېيىن قىلماقچى بولغان خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى جېمىل چېچەك ئەپەندى
تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى جېمىل چېچەك ئەپەندى RFA/Erkin Tarim

شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باشلىقى مەمەت ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى 14-مارت كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى جېمىل چېچەك ئەپەندىمۇ قوبۇل قىلغان ئىدى.

تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى بېكىر بوزداغ ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باشلىقى مەمەت ئەيسا ئارتىش ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن نېمە مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى؟ بېكىر بوزداغ ئەپەندى ئۇلارغا نېمىلەرنى دېدى؟ بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ۋەقپ باشلىقى مەمەت ئەيساغا ئاتۇش ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت