تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم ئاستىدا ياشىشىنى خالىمايمىز
2012.04.09
ئۇيغۇر بالا رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى سۆيدى. 2012-يىلى 8-ئاپرېل، ئۈرۈمچى.
ئۇنىڭ، ئۈرۈمچىگە مېڭىشتىن بۇرۇن كونيا ئايرودرومىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى. 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازاردا ئۇيغۇر بوۋاقلارنى قۇچاقلىشى، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا كۆرسەتكەن سۆيگۈسى تۈرك خەلقىنى ھاياجانغا سالدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر باش مىنىستىرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا زىيارەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ باياناتىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋنىڭ 2010-يىلى تۈركىيىگە رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، ۋېن جاباۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتايغا زىيارەتكە مېڭىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى دېگەندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇ كونيا ئايرودرومىدا ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئاچقان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىرنىڭ «سىز خىتايغا بارغاندىن كېيىن 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«شۇنى ئوچۇق دېيىشىم كېرەك. بۇرۇن ئۇ يەردە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنى، قايتا كولاش توغرا بولمايدۇ».
ئۇ يەنە، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىمغا ئۇچرىماستىن راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بىز بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم ئاستىدا ياشىشىنى پەقەتلا خالىمايمىز. ئۈرۈمچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نوپۇسى ناھايىتى كۆپ. ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ نوپۇسى بىلەن خىتايلارنىڭ نوپۇسى مەلۇم. ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە راھەت-پاراغەت ئىچىدە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن بىز نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ بىز تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ھەقتە باش قاتۇرۇشىمىز كېرەك. چەتئەلگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇ يەردە ئوخشىمايدىغان مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى نەزەردە تۇتۇپ ئويلىشىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولماي تۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق بولىدۇ، توغرا يول بۇ».
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن 5 مىنىستىر ۋە 330 ئەتراپىدا كارخانىچى ھەم ژۇرنالىستلار بىلەن بىرلىكتە 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيگۈ ۋە مۇھەببىتى ناھايىتى تەسىرلەندۈرگەن. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ماڭىدىغان يولدا، يەنى ئايروپىلان ئىستانسىسىدىن ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىگىچە يول بويىدا كۆپلىگەن ساقچىلار تۇرغۇزۇلغان. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈرۈمچى زىيارىتىدە ئالدى بىلەن ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى زىيارەت قىلغان. كېيىن ياڭخاڭ مەسچىتىدە ناماز قىلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چوڭ بازاردا ئۇيغۇر دۇكان ئىگىلىرى بىلەن سۆھبەت قىلغان ھەم چىلان سېتىۋالغان. بۇ يەردە رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى كۆرەلمىگەن ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ كۆز يېشى تۆكۈشى.
ئۇلار «تۈركلەرنى بەك سۆيىمىز» دەپ توۋلاشتى. ئۇلارنىڭ «تۈركىيىگە سالام»، «خوش كەلدىڭىز ئەردوغان» دېيىشلىرى تۈركلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. بۇ كۆرۈنۈشلەر تۈرك تېلېۋىزىيىلىرىنىڭ كۆپىدە تارقىتىلدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆتكەن يولنىڭ يېنىغا كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى قانىلى ت ر ت مۇخبىرى سۆھبەت ئېلىپ باردى.
مۇخبىر يىغلاۋاتقان بىر قىزغا مىكروفوننى ئۇزىتىپ، «باش مىنىستىرنى كۆرەلمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن يىغلاۋاتامسىز؟» دەپ سورىغىنىدا ئۇ قىز:
-ھە شۇنداق كۆرەلمىدۇق. بىز ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمىز. بىزگە خىتاي پاسپورت بەرمەيدۇ، چەتئەلگە چىقىشىمىز بەك تەس- دەپ جاۋاب بەردى. ئېلى ئەساتوغلۇ ئىسىملىك ئۇيغۇر «تۈركلەرنى بەك ياخشى كۆرىمىز، تۈركىيىگە سالام يوللايمىز» دېدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چوڭ بازاردا نۇر بەكرى بىلەن بىرلىكتە چىلان يېدى ۋە چىلان سېتىۋالدى.
«زامان» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ يازغان بىر خەۋەردە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ناماز قىلىدىغان ياڭخاڭ مەسچىتىگە ئەزان ئوقۇش ئۈچۈن كاناي تاقالغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى كۆپ كۆرسىتىش ئۈچۈن 4-ئاينىڭ 8-كۈنى خىتايلارنى كوچىغا چىقماسلىققا چاقىرغانلىقى يېزىلغان. بۇ خەۋەردە بايان قىلىنغاندەك 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ياڭخاڭ مەسچىتىدە سەللە يۆگىگەن چىرايلىق كىيىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلۈكى دىققىتىمىزنى تارتتى. نامازغا كىرىشتىن بۇرۇن بىر ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇنى قۇچاقلاپ خۇددى ئاتا-بالا كۆرۈشكەندەك كۆرۈشۈشى ئىنسانلارنى بەكلا تەسىرلەندۈردى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن بېيجىڭدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋەن جاباۋ بىلەن كۆرۈشتى. خىتاي زىيارىتى جەريانىدا يەنە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋە خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەنمۇ كۆرۈشمەكچى.









