تۈركىيىدىكى MPL تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى

ھەر دۈشەنبە كۈنى ئاخشام سائەت 9:35 تە تۈركىيىدىكى MPL تېلېۋىزىيىسىدە تۈركىستانبۇل ئىسىملىق، تۈرك دۇنياسى ھەققىدە بىر پروگرام تارقىتىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2008.09.24
Mpl-tvde-uyghur-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﺧﻤﻪﺕ ﺗﯜﺭﻛﯚﺯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﻣﯧﻬﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
RFA / Erkin Tarim

بۇ پروگراممىنىڭ رىياسەتچىلىكىنى شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى باشلىقى ئاخمەت تۈركۆز ئەپەندى قىلماقتا. بۇ بىر سائەتلىك بىر پروگرامما بولۇپ، پروگراممىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك ۋە تاتارغا ئوخشاش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە بۈگۈنكى مەسىلىلىرى ھەققىدە بۇ مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىلىم ئادەملىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلماقتا.

2 ئايدىن بېرى MPL يەنى مېدىيا پلاتفورمى ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلىدا بېرىلىۋاتقان بۇ پروگراممىنىڭ كۆپىدە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان. بۇ پروگراممىلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كەڭ تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئەتراپلىق ھالدا ئاڭلىتىلماقتا.

تۈركىستانبۇل پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئاخمەت تۈركۆز ئەپەندى 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى تۈپەيلىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنىڭ دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پروگراممىدا نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يەر بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.