تۈركىيىدە 5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
2007.06.04
5-نۆۋەتلىك تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسى شەنبە كۈنى غەلىبىلىك ئاياقلاشتى. ئامېرىكا، گېرمانىيە، رۇسىيە، تەيۋەن قاتارلىق 100 دۆلەتتىن تۈركچە سۆزلىشىدىغان 550 ئوقۇغۇچى قاتناشقان بۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى.
ئەپسۇس، بىرمۇ ئۇيغۇر قاتناشمىغان
پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەردىن ۋەكىل قاتناشقان بۇ مۇسابىقىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ بولماسلىقى دىققەتنى تارتتى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بۇ ياشلار بىر قانچە تۈر بويىچە مۇسابىقىلەشتى. تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5 قىتئەدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئېيتقان تۈركىيە دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى.
مۇسابىقىلەردە شېئىر ئوقۇش تۈرى بويىچە قىرغىزىستانلىق ئايدا رىسبەكقىزى "كېپەز" ناملىق شېئىرنى دىكلاماتسىيە قىلىپ بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. تۈركمەنىستانلىق ئاجايىپ ئاللاشوۋا ئىككىنچى، موزامبەكلىك ئىنرانەك كالائو ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. ناخشا ئېيتىش تۈرى بويىچە ماكىدونىيەلىك ھاۋسا مۇلا " ياستايىم" دېگەن ناخشا بىلەن بىرىنچى، پاكىستانلىق شىسيەت ئىككىنچى، گانالىق ئەدنا يەبوئا داركو 3-لىككە ئېرىشتى.
تۈرك تىلىنى دۇنيا تىللىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش
بۇ تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئەكمەلەددىن ئىھسانوغلۇ، دېموكراتىك پارتىيە باشلىقى مەھمەت ئاغار ۋە مىللى مائارىپ مىنىستىرى ھۈسەيىن چېلىك، تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى بۈلەنت ئارىنچ قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
تۈرك تىلىنى تونۇتۇش ۋە ئۇنى دۇنيادا كەڭ قوللىنىدىغان تىللار قاتارىغا ئۆتكۈزۈش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەت ئىچىدە يەنە تۈرك تىلىغا قوشقان تۆھپىسى، تۈرك تىلىنىڭ ئومۇملىشىشى يولىدا قىلغان خىزمەتلەرنى تەقدىرلەش ئۈچۈن ئەلىشىر ناۋايى مۇكاپاتىمۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل مۇكاپات تۈركىيە تىل - تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى شۈكۈر ئاكالىن بىلەن ئامېرىكىدىكى داڭلىق فولكلور تەتقىقاتچىسى پروف. كامال كارپۇتقا بېرىلدى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن كېيىن بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ مۇكاپاتىنى تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندى بەردى. ئۇ بۇ مېدالنى بەرگەندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "بۈگۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە مۇھىم مەنزىرىنى كۆرمەكتىمىز. زالدىكى مىڭلارچە كىشى زوق ۋە ھاياجان ئىچىدە مەمنۇنلۇق بىلەن بۇ مۇسابىقىنى كۆرۈۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بۇ بالىلاردىن تۈركچە ناخشا ۋە شېئىرلارنى ئاڭلاش بىزگە بۈيۈك بىر زوق بەردى. بۈگۈنكى بۇ ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. 5 قىتئەدىكى 100 دۆلەتتىن مۇسابىقىگە كەلگەن بۇ بالىلار ئىچىدە بىز تېخى ئىسىملىرىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان، خەرىتىدە يېرىنىمۇ بىلمەيدىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن بالىلارمۇ بار. يەنە بۇندىن 15 -16 يىل بۇرۇن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەردىن، ھەتتا تېخى ئۇرۇش بولىۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەن بالىلارمۇ بار. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەردىن كەلگەنلەرمۇ بار. مەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ سېموۋلى بولغان تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن 5 قىتئە، 100 دۆلەتتىن كەلگەن 550 ياش- ئۆسمۈرنى بىر يەرگە توپلاپ تىنچلىقنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىۋاتقان بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن."
ئۇ بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان ياش - ئۆسمۈرلەرگە مۇۋاپىقىيەت تىلىگەندىن كېيىن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: "دۆلىتىڭلارنى سۆيۈڭلار، چۈنكى سىز ئۇ دۆلەتكە ئائىت. لاتۋىيەلىك لاتۋىيەدە، قازاقىستانلىق قازاقىستاندا، كورىيەلىك كورىيەدە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىكلەردىن بولۇڭلار، ئەمما ئۆز دۆلىتىڭلارنى سۆيۈش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنى ئۇنۇتماڭلار. تۈركىيە بىلەن دوست بولۇڭلار. شۇنىڭغا ئىشىنىشىڭلار كېرەككى، بۇ ئارزۇ ئەمەس، ھەقىقەت. 1997-يىلى مەن تۈركمەنىستان' غا زىيارەتكە بارغان ۋاقتىمدا، بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ماڭا تۈركچە شېئىرلارنى ئوقۇپ بەرگەن ئىدى. مانا شۇ بالا 7 يىلدىن كېيىن چوڭ بىر شىركەتنىڭ تۈركىيىدىكى ۋەكىلى بولۇپ ئالدىمغا چىقتى. بۇ ياشلار كەلگۈسىدە ئۆز دۆلىتى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. بىز قازاقىستاننى سۆيىمىز، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستاننى سۆيىمىز. بىز ھەم لائوسنى، موزامبەكنى سۆيىمىز ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەرنى سۆيىمىز. ئۇلار بىلەن تىنچلىق ئىچىدە دوستلارچە ياشاشنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇ پائالىيىتىڭلارنىڭ دۇنيادا تىنچلىققا سەۋەپ بولۇشىنى تىلەيمىز".
دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتى باشلىقى ئىھسانوغلۇنىڭ سۆزى
ئاخىرىدا، دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتى باشلىقى ئىھسانوغلۇ سۆز قىلىپ،" بۇ گۈزەل ۋە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى باشتىن بېرى تەقىپ قىلىۋاتقان، بۇ دۆلەتلەردىكى تۈركچە مەكتەپلىرىگە بېرىپ زىيارەت قىلغان بىر كىشىمەن. بىر تۈرك بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان مىڭلارچە كىشىگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇلارنى تەبرىكلەيمەن،" دېدى.
5 -نۆۋەتلىك تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بۇ بالىلارغا تۈركىيە پارلامېنتى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلار ۋە تارىخى يەرلەر ساياھەت قىلدۇرۇلدى. مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرگە تۈركىيە پارلامېنتىدىن مۇكاپات بويۇملىرى بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە مەرىپەتپەرۋەر، ياردەم سۆيەر ئىش ئادەملىرى مۇسابىقىگە قاتناشقان 550 بالىنىڭ ھەر بىرىگە 1000 دوللاردىن پۇل مۇكاپاتى بەردى. بۇ مۇكاپات مۇسابىقىگە قاتناشقان بالىلارنى شۇنداقلا تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا چۆمدۈردى. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بالىلار ئۈچۈن ئەڭ خوشاللىق بىر كۈن
- د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرى، بىرىنچى نۆۋەتلىك تۈرك ئوجاقلىرى ياشلار قۇرۇلتىيىدا
- سۆيۈملۈك ئانىلار، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!
- ماي بايرىمى، خىتايدا ئەمگەكچىلەرگە ھەقىقىي بايراممۇ؟
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۇرك دۇنياسى فېستىۋالغا قاتناشتى
- قىرغىزىستاندا مىللەتلەر مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
- بېشكەكتە قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
- تۈرك دۇنياسى زەپەر قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
- 8- نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى سەنئەت بايرىمى باشلاندى
- كانادادىكى ئۇيغۇرلار خەلقئارا مىللەتلەر مەدەنىيەت بايرىمىغا قاتناشتى