«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى» ئويۇن قويۇۋاتقاندا تۈرك ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقاردى

«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى» ئويۇن قويۇۋاتقاندا تۈرك ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقىرىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقى ۋە خىتاينى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكى كونسېرت قويۇۋاتقاندا كۆك بايراق چىقاردى. 2012-يىلى 20-مارت، ئەنقەرە.
تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكى كونسېرت قويۇۋاتقاندا كۆك بايراق چىقاردى. 2012-يىلى 20-مارت، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى خەلقئارا مەدەنىيەت تەشكىلاتى تۈركىيىدە ئۇيۇشتۇرغان نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشماقتا. بۇ پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە بۈگۈن، يەنى 20-مارت كۈنى ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئويۇن قويدى. ئويۇننى كۆرۈشكە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى خادىملىرى ۋە ئەنقەرەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. 2 سائەت داۋاملاشقان كونسېرتتا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، تۈركچە ۋە خىتايچە ناخشا ئورۇندالغاندىن باشقا ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلدى. ئويۇن جەريانىدا ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىمۇ بىر-بىرلەپ تاماشىبىنلارغا تونۇشتۇرۇلدى. ئويۇن تازا قىزىۋاتقاندا تۈرك ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقىرىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقى ۋە خىتاينى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

خىتاي ئەلچىخانىسى خادىملىرى بىلەن تۈركلەر ئۇيغۇر كونسېرتى كۆرمەكتە. 2012-يىلى 20-مارت، ئەنقەرە.
خىتاي ئەلچىخانىسى خادىملىرى بىلەن تۈركلەر ئۇيغۇر كونسېرتى كۆرمەكتە. 2012-يىلى 20-مارت، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

تۈرك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دۇنياغا تونۇتۇش مەقسىتى بىلەن 1993-يىلى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مەدەنىيەت مىنىستىرلىرىنىڭ قول قويۇشى بىلەن قۇرۇلغان خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى، دۇنيانىڭ ئورتاق مىراسى بولغان نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەردىن 250 ئەتراپىدا سەنئەتچىنى تۈركىيىگە تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ تۈركىيىدە تەنتەنىلىك نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە.

نورۇز پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى دولان مەشرىپى ئوينىماقتا. 2012-يىلى 20-مارت، ئەنقەرە.
نورۇز پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى دولان مەشرىپى ئوينىماقتا. 2012-يىلى 20-مارت، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

1995-يىلىدىن بېرى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ سەنئەتچىلىرى قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بۇ پائالىيەتكە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىن دىلنار ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى 45 نەپەر سەنئەتچىنىڭ قاتنىشىشى كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتماقتا.

ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى تاماشىبىنلارغا ئۇزاتتۇق. تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە ئويۇن قويغانلىقىدىن بەك خۇرسەن بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ باي مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن ئەركىنلىككە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى، بۇ ئويۇن ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى دېيىشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت