"تۈرك دۇنياسىدا نورۇز" تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


2007.03.26

تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپى "تۈرك دۇنياسىدا نورۇز" تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتتە نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى، تارىخى، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش ئەنئەنىلىرى توغرىسىدا مەلۇماتلار بېرىلگەندىن كېيىن، تۇرپاندىكى كارىز تونۇتۇلغان ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر تېمىسىدا ھۆججەتلىك فىلممۇ كۆرسىتىلگەن. كېيىن يازغۇچى، ژورنالىست دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندى ئۇيغۇرلاردا كارىز ھەققىدە سۆز قىلغان.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر، تاتار، قازاق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ خەلق سەنئەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلىش بىلەن بىرلىكتە گۈلخان يېقىش، ئوتتىن ئاتلاش ۋە تۈركلەرنىڭ ئەرگەنەكوندىن چىقىشىنىڭ سىمۋولى بولغان تۆمۈر تاۋلاش قاتارلىق ئويۇنلار ئويناندى. بىز بۇ يىغىندا كارىز ھەققىدە سۆز قىلغان ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر ناملىق كىتاپنىڭ يازغۇچىسى دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندى تۈرك دۇنياسى ھەققىدە ئىزدەنگەن، تۈركىي مىللەتلەر ياشاۋاتقان جۇغراپىيەلەرنى بىرمۇ - بىر ئايلىنىپ چىقىپ بۇ ھەقتە ئەسەرلەر يازغان كىشى بولۇپ ئۇ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر دىيارىغىمۇ بارغان ئىكەن.

- ھۆرمەتلىك دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندى، بۈگۈن سىز تۈرك دۇنياسىدا نورۇز تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپژ. بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز؟

- سىزگىمۇ مەلۇم، نورۇز بايرىمى 5000 يىلدىن بۇيان تۈرك دۇنياسىدا تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە. نورۇز بايرىمى 12 مۆچەل كالىندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 21-مارت كۈنى كېچە بىلەن كۈندۈز تەڭلەشكەن بىر كۈن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرك دۇنياسىدا نورۇز تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. مەن بۇ يەردە ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەردە نورۇز ئەنئەنىسى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى كارىز تېمىسىدا سۆز قىلدىم.

- ھۆرمەتلىك دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندى، يېقىندا سىزنىڭ كارىز ھەققىدە بىر ئەسىرىڭىز نەشىر قىلىندى، بۇ كىتاپنى يېزىش جەريانىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز؟

- مەن بەزى چەتئەل ژورناللىرىدا بۇ كارىز ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان ئىدىم. شۇڭا كارىزنى بىر كۆرۈش نىيىتىم بار ئىدى. مەن ئۆتكەن يىلى خىتاي مەدىنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ رەسمى تەكلىپىگە بىنائەن تۇرپانغا بېرىپ كارىزدا تەتقىقات ئېلىپ باردىم. خىتاي ھۆكۈمىتى تەتقىقاتىمغا ئاساسەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن كارىزنى قوغداش ئۈچۈن ئىقتىسادى ياردەم ئالدى. سىزگىمۇ مەلۇم، كارىز بۇندىن 2500 يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن 110 مېتىر يەرنىڭ ئاستىدىن سۇ چىقىرىش ئۈچۈن ياساپ چىقىلغان سۇ قۇرۇلۇشى. بۇ بىر مەدىنىيەتنىڭ مەھسۇلىدۇر. 2500 يىل بۇرۇن ياۋرۇپادا تېخى ئاتىناغا ئوخشاش شەھەرمۇ يوق ۋاقتىدا ئۇيغۇر تۈركلىرى بۇنداق بىر مەدىنىيەتنى ياراتتى. مەن بۇ مەدىنىيەتنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ باردىم.

- كارىزنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى نىمە سىزچە؟

- بۇنىڭ ئەھمىيىتى شۇ. غەرب دۆلەت تارىخچىلىرى تۈرك دۇنياسىنى ئاڭلاتقان ۋاقتىدا تۈركىي مىللەتلەر كۆچمەن، چېدىردا ياشايدىغان، جەڭگىۋار ئەمما مەدىنىيەتسىز بىر مىللەت دەپ بايان قىلىدۇ. شۇڭا مەن ئەھۋالنىڭ بۇنداق ئەمەسلىكىنى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەكسىچە باي مەدىنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، 2500 يىللار بۇرۇنلا پارلاق مەدىنىيەت ياراتقان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن كىتابىمدا تۇرپان، يارغۇل قاتارلىق يەرلەرنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەتلىك بىر خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىشقا تىرىشتىم.

- ھۆرمەتلىك دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندى، سىز ئۇيغۇرلارنىڭ 2500 يىل بۇرۇن پارلاق مەدىنىيەت ياراتقان خەلق ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتتىڭىز. مانا بۇ خەلق ھازىر خىتايلارنىڭ ئاسىملاتىسيە قىلش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

- مۇنداق بىر مەسىلە بار. 1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە داۋام قىلغان مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە خىتايدىكى پۈتۈن مىللەتلەرگە ئېغىر بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. ئەمما ھازىر ئۇنداق بېسىم يوق. بىز تۈركىيەدىن بارغان يازغۇچى، بىلىم ئادەملىرى خىتايغا زىيارەتكە بارغان ۋاقتىمىزدا خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەڭ - باراۋەر ياشاۋاتقانلىقىنى، ھەتتا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسجىتلەردە ئەركىن ناماز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.

- پۈتۈن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورىست دەپ ئەيىبلەپ ئۇلارنى قاتتىق باستۇرىۋاتقانلىقى يېزىلىۋاتىدۇ. بۇلاردىن خەۋىرىڭىز يوقمۇ؟

- بۇ ئەلۋەتتە خاتا. چۈنكى، تۈركىي مىللەتلەر تېررورىست ئەمەس. تۈركىي مىللەتلەر دۆلەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بىر مىللەت. تۈركىي مىللەتلەردىن تېررورىست چىقمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.