ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تۈركىيىدىن ئۆتۈشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە
2008.04.01
ئولىمپىك مەشئىلى 25 - مارت كۈنى گرېتسىيىنىڭ ئافىنا شەھىرىدە يېقىلغان بولۇپ، 31 - مارت كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بارغان ئىدى. دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن تيەنئەنمىن مەيدانىدا بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ سۆز قىلىپ ، ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
مەشئەل 1 - ئاپرىل كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغان 3 - ئاپرىل كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە يېتىپ كېلىدىكەن. گېرىتسىيىدىكى باشلىنىشتا تىبەتلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىدىن قاتتىق ئەنسىرىمەكتە. تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىمۇ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلمەكتە.
بەزى ئوبزورچىلار بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە تۆھپە قوشۇدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى ئوبزورچىلار بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2008 بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى خىتاي سىرتىدىكى 21 - شەھەردە توختاپ ئۆتىدىغان بولۇپ، تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ شەھەرلەرنىڭ كۆپىدە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى، تىبەتلىكلەر، فالۇنگۇڭچىلار ۋە دېموكرات خىتايلار بىرلىكتە نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىدىكەن. تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ئولىمپىك مەشئىلى ئۆتىدىغان 21 شەھەردە خىتايلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان نارازىلىق پائالىيىتىنىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش شۇنداقلا خىتايلارنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى دۇنياغا ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
2008 - بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئىستانبۇلدىن ئۆتۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئورتاقلىشىپ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى.
بۇ يىغىن 2 - ئاپرىل كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 يېرىمدا ئىستانبۇل فىندىكزادە مەھەللىسىدىكى گولدەن خىلل مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق تۈرك ۋە چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرى تەكلىپ قىلىنغان. بىز يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرىغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش ھەرىكىتى قارشىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە
- بېيجىڭدىكى ئولىمپىك ئۇيغۇرلارغا ھەسسىلەپ قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى
- تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ۋىلايەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
- نامايىشچىلار ئافېنادىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يېقىش مۇراسىمىدا خىتايغا قارشى كاشىلا چىقىرىپ ھەيۋە كۆرسەتتى
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى تەنتەنىلىك تەبرىكلىمەكتە
- تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت ئايدىن خىتايدا زىيارەت ئېلپ بارماقتا
- خىتاي، دۇنيا مىقياسىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا دۇچ كەلدى
- تۈركىيە كابۇلدا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرماقچى
- گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك
- "پانتۈركىزمنىڭ مەيدانغا چىقىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان"
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن تەقىپلەشلەر داۋاملاشماقتا
- خىتاينىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ھەققىدىكى باياناتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يېڭى مۇلاھىزىلەرگە يول ئاچتى