تۈركىيىدە سايلامغا قاتنىشىدىغان تۈركىستانلىق پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى بىلەن سۆھبەت


2007.06.29

تۈركىيىدە 7-ئاينىڭ 22-كۈنى پارلامېنت ئومۇمىي سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى. بۇ سايلامدا پارلامېنت ئەزالىلىقىغا نامزات بولغانلارنىڭ ئىچىدە تۈركىستاندىن كەلگەن كۆچمەن ئائىلىلەرنىڭ ئەۋلاتلىرىمۇ بار. مانا بۇلاردىن بىرى پروف. در. سالىھ ئاينۇرال ئەپەندىمدۇر.

تۈركىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بىر ئۆزبەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن سالىھ ئاينۇرال ئەپەندى 1962-يىلى كونيانىڭ ئاقشەھەر ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1984-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان. 2000-يىلى پروفېسسور بولغان سالىھ ئاينۇرال ئەپەندى گەبزە يۇقىرى تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدا 7 يىل مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن تۈرك دۇنياسى بىلىم ۋە تېخنىكا ھەمكارلىق ئىش بىرلىكى مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ھازىر ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىدىن مىللەت ۋەكىلى نامزاتى بولغان.

پروف. در. سالىھ ئاينۇرال ئەپەندىنىڭ تۈرك دۇنياسى ھەققىدە شۇنداقلا تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تېمىسىدا ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ نۇرغۇن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ماقالىلەر سۇنغان.

بىز پروف. در. سالىھ ئاينۇرال ئەپەندى بىلەن پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى بولۇشتىكى مەقسىتى ۋە بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.