قازاقلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى؟


2006.12.14

مىللىيەت گېزىتىنىڭ 10-چېسلادىكى سانىدا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان قازاقلار تونۇشتۇرۇلۇپ يېزىلغان تەپسىلى ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە 50 نەچچە يىلدىن بېرى ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا ياشاپ كېلىۋاتقان قازاقلارنىڭ تارىخى، بۇ يەرگە كېلىش سەۋەبى، ئۆرپ ئادەتلىرى رەسىملەر بىلەن تونۇشتۇرۇلغان.

ماقالىدە، قازاق تۈركلىرى ۋەخپى باشلىقى دەرۋىش قىلىچ ۋە ئابدۇلۋاھاپ قارا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇلار مۇخبىرغا بەرگەن مەلۇماتىدا، ئۆزلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىم سىياسىتىدىن قېچىپ تۈركىيىگە كەلگەنلىكىنى دېگەن. بۇ خەۋەر گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ قازاقلارنىڭ قازاقىستاندىن ئەمەس، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كېلىشى ئۈچۈن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى دېدى. ئۇلار قازاقلارنىڭ ماقالىدە بىر قېتىممۇ ئۆزلىرى كەلگەن شەرقىي تۈركىستاننى ئېغىزغا ئالمىغانلىقىنى ئېيتىپ قازاقلارنى ئەيىبلەشتى.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى مانا بۇ دىياردىن كەلگەن قازاقلار قۇرغان جەمئىيەت بولۇپ، ئۇلار بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا ئىنتايىن ئاكتىپ ئىدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى سۇسلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەتتا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەنلىكىنىمۇ دېمەسلىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. ئۇنداقتا قازاقلار نىمە ئۈچۈن ئەمەلىيەتنى دېمىدى؟ بۇنى دېمەسلىكىدە خىتايلارنىڭ بىرەر رولى بارمۇ قانداق؟ بىز بۇنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە تېلېفون قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.