
TRT تۈركىيىنىڭ ئاۋازى رادىئوسى 2007-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر دىيارىغىمۇ ئاڭلىتىش بەرمەكچى. بىز تۈركىيىنىڭ ئاۋازى رادىئوسى ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا ئاڭلىتىش بېرىش پىلانىنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ ئاۋازى رادىئوسى باشلىقى ئوسمان دىلەكچى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھۆرمەتلىك ئوسمان دىلەكچى ئەپەندى تۈركىيىنىڭ ئاۋازى رادىئوسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟
تۈركىيىنىڭ ئاۋازى رادىئوسى تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزيە ئىدارىسى تارمىقىدا چەت دۆلەتلەرگە ئاڭلىتىش بېرىدىغان بىر بۆلۈم بولۇپ 1937-يىلى قۇرۇلغان. شۇئان 27 خىل تىلدا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئاڭلىتىش بېرىۋاتىمىز. رادىئو دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى كۈن تەرتىپىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش مەقسىتى بىلەن قۇرۇلغان. رادىئومىز قۇرۇلغاندا تۇنجى بولۇپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككىنجى رەئىس جۇمھۇرى ئىسمەت ئىنونۇ ئەئەرەپچىدە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە ئاڭلىتىش قىلغان ئىكەن. كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تارمىقىدا تۈرك ئارمىيىسى كورىيەگە ئۇرۇشقا بارغان ۋاقتىدا تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ قەھرىمانلارچە ئىش پائالىيەتلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان ئىكەن. كېيىنكى يىللاردا بولسا تۈركىيىدىن ياۋروپاغا كەتكەن تۈركلەرنىڭ ۋەتىنى بىلەن بولغان بېغىنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن رادىئومىز ئاڭلىتىشقا داۋام قىلغان. مانا مۇشۇنداق قىلىپ رادىئومىز بۇگۈنكى كۈندە 27 خىل تىلدا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە ئاڭلىتىش بېرىدىغان سەۋىيىگە يەتتى، ئاڭلىتىشلىرىمىزنى قىسقا دولقۇن، ئىنتەرنەت ۋە سۇنى ھەمرا ئارقىلىق ھەر كۈن 24 سائەت ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
قايسى دۆلەت ۋە رايونلارغا ئاڭلىتىش بېرىۋەتسىلەر؟
ياۋروپا، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئاڭلىتىش بېرىۋاتىمىز. ئوتتۇرا ئاسىياغا تۈركچە ئاڭلىتىشىمىزمۇ بار. بۇ ئاڭلىتىشلىرىمىز ئەتىگەن سائەت 7دىن 10 غىچە بېرىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇ ئاڭلىتىشلار ئارقىلىق تۈركىي مىللەتلەر ياشاۋاتقان پۇتۇن دۆلەت ۋە رايونلارغا ئۇلىشىشتىن ئىبارەت. دۇنيادا ۋە تۈركىيىدە بولغان ۋەقەلەرنى دەل ۋاقتىدا ئۇ رايونلارغا يەتكۈزىۋاتىمىز. ئاڭلىتىشلىرىمىزدا تۈركىيىنىڭ قوشنىلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تاشقى سىياسىتى، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدىنىيىتى، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تۈركىيىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەدىنى قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئاڭلىتىۋاتىمىز.
ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا تۈركچە ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر بار. رادىئويىڭلاردا تۈركچە ئۆگىتىش پروگراممىسى بارمۇ؟
بىز ياۋرۇ - ئاسىيا جۇغراپىيىسىگە تەۋە بولغان 6 خىل تىلدا ئاگلىتىش بېرىۋاتىمىز.. بۇلار قىرغىزچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە، ئازەرىچە قاتارلىقلاردۇر. بىز يەنە بۇلاردىن باشقا تۈركچە ئاڭلىتىشمۇ بېرىمىز. بۇ رايونلاردىن دۆلىتىمىزگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان مىڭلارچە ئوقۇغۇچى بار. ئۇلار بىزنىڭ رادىئومىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. تۈركىيە تۈركچىسى ئازەربايجاندا جىق ئىشلىنىدۇ. ئەمما باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە تۈركىيە تۈركچىسىنى ئانچە چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا تۈركچە ئۆگىتىش ئۈچۈن "تۈركچە ئۆگرەنىيورۇز" يەنى "تۈركچە ئۆگىتىۋاتىمىز" دەيدىغان بىر پروگرام تەسىس قىلىپ دەرس بېرىۋاتىمىز. بۇ ئارقىلىق تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ ياۋرو - ئاسىيا جۇغراپىيىسىدە ھەممە كىشى چۈشىنەلەيدىغان بىر تىلغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز. رادىئومىز يەنە 2007 يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر رايونىغا تۈركچە ئاڭلىتىش بېرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ يەردە تۈركچە رادىئو ئاڭلاشنى خالىغان ئاڭلىغۇچىلار قىسقا دولقۇندىن ياكى ئىنتەرنەت ئادرىسىمىز http://www.trt.net.tr تىن ئاڭلىسا بولىدۇ.
سىز ئاڭلىتىشىمىزنىڭ مەقسىتى تۈركچىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەممە كىشى چۈشىنەلەيدىغان بىر تىل قىلىش دەپ ئۆتتىڭىز. ئۇنداقتا بەزى دۆلەتلەر تۈركىيە پانتۈركىزىمنى يايماقچى بولىۋاتىدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
سورىغان سۇئالىڭىزنىڭ بىراز سىياسى تەرىپى بار. دۆلىتىمىزنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئەلۋەتتە بۇ ھەقتە ئويلاشقان بولىشى مۇمكىن. مەن بىر رادىئونىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ بىر رادىئوسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاتاتۈركنىڭ دېگىنىدەك يۇرتتا تىنچلىق دۇنيادا تىنچلىق پىرىنسىپى بويىچە ئاڭلىتىش قىلىۋاتىمىز. بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش نىيىتىمىز يوق. ئەمما شۇنىمۇ بىلىمىزكى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە ۋە ئۇيغۇر رايونىدا ياشاۋاتقان خەلق بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. بىز مەدەنىيەت پروگراممىلىرى ئارقىلىق ئاۋازىمىزنى قېرىنداشلىرىمىزغا ئاڭلىتىشقا تېرىشىۋاتىمىز. بىزنىڭ باشقىچە نىيىتىمىز قەتئىيلا يوق.