
تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل رەئىس جۇمھۇرى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم 1-ئاينىڭ 25- كۈنى ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قەيسەرى ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلدى.
ئايالى خەيرىنسا خانىم بىلەن قەيسەرىگە كەلگەن ئابدۇللاھ گۈل بۇ يەردە بەزى ئېچىلىش مۇراسىملىرىغا قاتناشقاندىن كېيىن، كەچتە قەيسەرى ھىلتون مېھمانخانىسىدا زىياپەت بەردى. بۇ زىياپەتكە قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، مىنىستىرلەر، پارلامېنت ئەزالىرى، كارخانىچىلار، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلات مەسۇللىرىمۇ تەكلىپ بويىچە قاتناشقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇلار قاتارىدا تەكلىپ قىلىنغان.
بۇ زىياپەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن د ۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدا ئىككى كىشىلىك ھەيئەت قاتناشقان بولۇپ، زىياپەت جەريانىدا ئۇلار تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈلگە د ۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبەت زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.