32 يىلدىن كېيىن رۇسىيىدىن تۈركىيىگە ئاڭ ئالىي زىيارەت
2004.12.02
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۈتۈن مۇشۇ ئاينىڭ 5 – 6 – كۈنلىرى تۈركىيىگە زىيارەت ئېلىپ بارماقچى. بۇ رۇسىيە ئالىي رەھبەرلىكىنىڭ 1972 – يىلدىن بۇيانقى تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، بۇ زىيارەتكە بىرقانچە مىنىستىرلار ۋە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشلىقىمۇ كېلىدىكەن.
تۈركىيە رەھبەرلىرى رۇسىيىنىڭ بۇ قەتىمقى زىيارەتىنى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭ تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى يۈزلىنىش ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارالماقتا.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
©
2004 Radio Free Asia