دېموكراتىك پارتىيىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىرى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيىدە بۇ يەكشەنبە كۈنى سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ. سايلامغا ئاز قالغان كۈنلەردە ھەرقايسى پارتىيىلەر ۋە پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ سايلام تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى تېزلىتىپ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق سايلام تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە جىق بولۇپ، بۇ سان ئەلۋەتتە ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ ئاۋاز سانىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

شۇڭا ھەرقايسى پارتىيىلەر تۈركىيىدىكى بۇ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئاۋازىغا ئالاھىدە قىزىقماقتا. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتىرىنى سايلامغا قاتنىشىدىغان پارتىيىلەرنىڭ كۆپى ئارقا - ئارقىدىن زىيارەت قىلدى. دېموكراتلار پارتىيىسىمۇ مانا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

تۈنۈگۈن دېموكراتىك پارتىيىنىڭ ۋەكىللىرى قەيسىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە ئالاھىدە كېلىپ، ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى ۋە ئەھۋال ئىگەللەپ ئۆزلىرى ئەگەر پارلامېنتقا كىرگەن تەقدىردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىپ بېرىدىغانلىرى ھەققىدە ۋەدىلەرنى بېرىشتى. بىز مانا بۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ مېھمانلارغا سۆزى

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مېھمانلارغا ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىڭلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىزنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىز بىزنى خۇرسەن قىلدى. ئەلۋەتتە سىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ۋە ھەسسە قوشقان بىرى. شۇڭا مەن ئالدى بىلەن سىزگە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىمەن. شەرقىي تۈركىستان زېمىنى ۋە نوپۇس جەھەتتىن بولسۇن تۈركىيىدىن كېيىنلا قالسا ئىككىنچى چوڭ تۈرك يۇرتى. شەرقىي تۈركىستان پۈتۈن تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنى يېتىشتۈرگەن بىر تۇپراق. 1965- يىلى ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەندە بىزنى تۈركىيىگە گىراجدانلىققا قوبۇل قىلىش ئۈچۈن سىلەرنىڭ پارتىيە كۆپ كۈچ چىقارغان ئىدى. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ سىلەرنىڭ پارتىيىگە كۆڭۈل رىشتىمىز بار. تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىشىشى سىلەرنىڭ سايەڭلاردا بولغان ئىدى."

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىرىغا ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچار بولىۋاتقان قېيىنچىلىقلارنى ۋە خىتايلارنىڭ بېسىم سىياسەتلىرىنى بىر قۇر ئاڭلاتقاندىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "بىزنىڭ ئۈمىدىمىز تۈرك مىللىتىنىڭ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىغا، ئۆز قېرىنداشلىرىغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تارىختىن بۇيان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بېشىغا كۈن كەلگەن پۈتۈن مىللەتلەرنى قوينىغا ئالغان ئىنسانپەرۋەر بىر مىللەت. پارلامېنتقا كىرگەن تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئەكىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە سىلەرگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن. "

دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ نامزاتى مۇستافا ئەرئاسلاننىڭ سۆزى

كېيىن، دېموكراتىيە پارتىيىسىدىن كەلگەن پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى مۇستافا ئەرئاسلان سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "بۇيەردە ئولتۇرغان ھۆرمەتلىك چوڭلىرىمىز، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىمىز! سىلەرنىڭ ياراڭلار ئەلۋەتتە بىزنىڭ يارىمىز. بۇنى ئايرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق. ئەلۋەتتە بىر قېرىنداش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باشقا تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇلارنى قوينىمىزغا ئېلىش بىزنىڭ ئەبەدى ۋەزىپىمىزدۇر. ئەمما سىلەرنىڭمۇ بىلگىنىڭلاردەك، ئەپسۇسكى دۇنيا ھازىر باشقا بىر يۆنىلىشكە كېتىۋاتىدۇ. ئىسلام دۆلەتلىرى بىر- بىرىگە ئىگە چىقمايۋاتىدۇ. خۇدايىم بۇيرىسا بىز دېموكرات پارتىيىسى ھۆكۈمەت قۇرساق ئەھۋال ئۆزگىرىدۇ. بىز تۈركىي جۇمھۇرىيەت ۋە مىللەتلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىمىزنى كۆپەيتىمىز."

مۇستافا ئەرئاسلان يەنە مۇنداق دېدى:" مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگە داۋا تېپىشقا تىرىشىمىز. بىلگىنىڭلاردەك دېموكرات پارتىيىسى 60-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى تۈركىيىگە قوبۇل قىلىش قارارىنى چىقارغان ئادالەت پارتىيىسىنىڭ داۋامى. شۇڭا بىز بۇ قېتىم ھۆكۈمەت بېشىغا كەلسەك، سابىق ئادالەت پارتىيىسى قىلغان بۇ ياخشى ئىشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشىسىنى قىلىشقا يەنى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدىكى خىتاي زۇلمىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا ھوزۇر ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن نېمە كېرەك بولسا بىز شۇنى قىلىمىز. بىز ھەر دائىم سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا. پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىلەرنى ئۆزىمىزدىن ئايرىمايمىز. چۈنكى سىلەر بىزنىڭ قېرىندىشىمىز."

نامزاتلاردىن سورالغان سۇئاللار

بىز پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى مۇستافا ئەرئاسلان ئەپەندىنىڭ سۆزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك دەپ سوئال سورىدۇق.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى: "سائادەت پارتىيىسى بولسۇن، ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى بولسۇن پۈتۈن پارتىيىلەرنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى نامزاتلىرى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، پارلامېنتقا كىرگەن ۋاقتىدا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ھازىر تۈركىيىدە كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ بولسۇن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسۇن بەزى مەسىلىلىرى بار. بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پارلامېنتقا كىرگەندە كونكېرت نېمە ئىشلارنى قىلىسىز ؟ "

مۇستافا ئەر ئارسىلان: "خۇدايىم بۇيرۇپ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانسام بۇيەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن داۋاملىق ھالدا كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە قىيىنچىلىقى بولسا ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىمىزغا ھېچبىر شۈبھىڭىز بولمىسۇن. بىزنىڭ سىياسەتكە كىرىشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى پۈتۈن دۇنيادىكى تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتۇر. بۇ شەرقىي تۈركىستانلىق كۆچمەنلەرنى تۈركىيىگە قوبۇل قىلىپ يەرلەشتۈرگەنمۇ بىزنىڭ پارتىيە ئىدى. بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يېنىدا بولىمىز." (ئەركىن تارىم)