تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى زەپەر قۇچتى


2007.07.23

تۈركىيىدە يەكشەنبە كۈنى يەنى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سايلام ئېلىپ بېرىلدى.14 پارتىيە قاتناشقان سايلامدا 5 يىلدىن بېرى ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى % 47.6 ئاۋاز بىلەن بىرىنچى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى ۋە 341 پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنتتىن ئورۇن ئالدى.

جۇمھۇرىيەتچى خەلق پارتىيىسى بولسا % 20.08 ئاۋاز بىلەن ئىككىنچى بولۇپ 112 پارلامېنت ئەزاسى ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بولسا % 14.2 ئاۋاز بىلەن ئۈچىنچى بولۇپ سايلىنىپ 70 پارلامېنت ئەزاسىغا ئىگە بولدى. سايلامدا يەنە مۇستەقىل نامزاتلاردىن 27 سى پارلامېنتقا كىردى. تۈركىيىدىكى بۇ سايلامدا تۈرك دۇنياسىنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن بىلىدىغان كۆپ ساندا كىشىنىڭ پارلامېنتقا كىرىشى ئالاھىدە دىققىتىمىزنى تارتتى.

دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ تۈركىيىدىكى بۇ سايلامغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ، سايلام ئاياغلىشىپ نەتىجە چىققاندىن كېيىن دۇنيادىكى داڭلىق گېزىتلەر تۈركىيىدىكى سايلام ھەققىدە مۇلاھىزە خەۋەرلىرى بەردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ياۋرۇپا ۋە ياۋرو ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى ماتت بريزابۇ سايلامنىڭ تۈركىيىنىڭ دېموكراتىيىسى ئۈچۈن بۈيۈك بىر زەپەر بولغانلىقىنى دېدى. سايلامنىڭ تامامەن دېموكراتىك ۋە ئادىل بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ماتت بريزا : "بۇ سايلام تۈركىيە ئاساسى قانۇن سىستېمىسىنىڭ ۋە دىن بىلەن سىياسەت ئايرىلغان دېموكراتىيىسىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر باشقا ئۆرنەكتۇر" دېدى.

بۇ قېتىم قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ۋە پارلامېنتنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قانداق بولار، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە بىر ئۆزگىرىش بولارمۇ؟

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.