ئۇيغۇرلار تۈركىيىدىكى سايلامدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟


2007.06.26

تۈركىيىدە 4 يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلام يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئومۇمىي سايلامغا 13 پارتىيە قاتنىشىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى پارتىيىلەردىن نامزات بولغان پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىرى خەلققە نۇرغۇنلىغان ۋەدىلەرنى بېرىشمەكتە.

مەسىلەن، بەزى پارتىيىلەر ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش ئىمتىھانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ۋەدە قىلسا، يەنە بەزى پارتىيىلەر بېنزىن باھاسىنى چۈشۈرىمىز دېگەندەك ۋەدىلەرنى بېرىشمەكتە. ئەمما خەلق بولسا پارتىيىلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ۋەدىلىرىدە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، تۈركىيىدە پۇقرا بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس. ھەرقايسى پارتىيىلەر سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىدە كۆپلۈكنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ رايىغا ئالاھىدە قىزىقماقتا. بەزىلىرى بۇ ھەقتە ئۆزلىرى سايلانغان تەقدىردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پارلامېنت كۈن تەرتىپىگە ئەكىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلماقتا.

ئۇنداقتا تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ سايلامدىن نېمىلەرنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسى نېمە؟ بىز بۇنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. بىز زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى قىسقىچە ئىسمى ئاق پارتىيە بولغان، ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىگە ئوي بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

بەزى ئۇيغۇرلار گەرچە ئۆزلىرى يۇرتىدىن ئۇزاقتا بولسىمۇ، بىر پارتىيىگە ئوي بېرىشتە ئۇ پارتىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىگىمۇ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.