تۈركىيىنىڭ TV5 تېلېۋىزىيىسىدە كوسوۋا ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىندى
2008.02.27
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، 3 كۈندىن بېرى ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلماقتا، بۇ جەرياندا يىغىنلارغا قاتناشتى، تەشكىلات ، جەمئىيەتلەرنى زىيارەت قىلدى، مۇھىم شەخىسلەر بىلەن ئۇچراشتى، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، تۈركىيىنىڭ TV5 تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كەچمىشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
تۈركىيىنىڭ TV5 تېلېۋىزىيە قانىلىدا ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى ئاخشىمى "ئىككى شەرق ، ئىككى غەرب " پروگراممىسىدا دۇنيانىڭ شۇ ھەپتىلىك سىياسىي ۋەزىيەتلىرى بەس مۇنازىرە قىلىنىپ نەق مەيداندىن تارقىتىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار بۇ ھەپتىلىك پروگراممىسىدا كوسوۋا بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.
پروگراممىغا TV5 تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خادىمى ياۋۇز سەلىم ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تۈرك ئاسىيا ئىستراتېگىيە ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جانەر سانجاكتار قاتارلىق شەخىسلەر ئىشتىراك قىلدى.
بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ ئىستانبۇل زىيارىتى ۋە TV5 تېلېۋىزىيىسىدىكى پروگراممىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدۇق. (ئارسلان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى گېرمانىيىنىڭ كۆلىن شەھىرىدە تەشۋىقات پائالىيەت ئېلىپ باردى
- 90 يىلدىن كېيىن ئۆز تۇغقانلىرىنى تېپىۋالغان تۈركىيىلىك ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت
- گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە پارلامېنتقا سۇنغان 16 تۈرلۈك تەكلىپ لايىھىسى (3)
- گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە پارلامېنتقا سۇنغان 16 تۈرلۈك تەكلىپ لايىھىسى (1)
- ئۇيغۇرلار 2008 - يىلىدىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە
- تاجىكىستانلىق ئالىم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە كىتاب يازدى
- خىتاي بىلەن ھىندىستان " قولمۇ - قول 2007 " ناملىق تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مەشق ئۆتكۈزمەكتە
- سىر تۇتۇلغان توقۇنۇش -- شايار ۋەقەسى
- يىپەك يولىدىكى زىيارەت خاتىرىسى
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىدە ئۈمىد قىلغانلىرىغا ئېرىشەلىدىمۇ؟
- ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى "مىنىڭ غەربىي دىيارىم، سىنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ" ناملىق كىتابى ھەققىدە ئىزھات بەردى
- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسى توغرىسىدا ئەسلىمە (2)