تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان


2008.02.29

MineXanim.-200.jpg
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى شۇنداقلا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، قەيسىرى ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ئاڭلىتىلغان` تۈركىيىدىكى دۇنيا `ناملىق پروگراممىنى ھازىرلىغان مىنە ئەرقان خانىم. RFA Photo / Erkin Tarim

يېقىندىن بېرى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە يەر بەرمەكتە. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ تۈركىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ كۈچ سەرگۈزەشتىلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئاڭلاتقان كۆپ ساندا ھۆججەتلىك تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئىشلىنىپ دۆلەت تېلېۋىزىيىسى بولغان "ت رت -ئىنت"تە ئېلان قىلىندى. بۇ پروگراممىلار تۈرك تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خەلقئاراغا تارقىتىدىغان " ت رت -ئىنت" قانىلىدا كۆپ قېتىم كۆرسىتىلگەن بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى شۇنداقلا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، قەيسىرى ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ئاڭلىتىلغان` تۈركىيىدىكى دۇنيا `ناملىق پروگراممىنى ھازىرلىغان مىنە ئەرقان خانىم، 22 يىلدىن بېرى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە. مىنە خانىم بىزگە 2004-يىلىدىن بېرى بۇ پروگراممىنى تەييارلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھازىرغىچە 4 ھۆججەتلىك فىلىم تەييارلاپ تېلېۋىزىيىدە ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ بىر جۇرنالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا قاتتىق ئېچىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىر كۈن مۇستەقىل دۆلەتلىرىدە ئەركىن ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇ يىل مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرقانچە ھۆججەتلىك تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مىنە ئەرقان خانىم بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تارتىش مەقسىتى بىلەن ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈردى: "ئۇيغۇر تۈركلىرى ھازىر بەكلا بىچارە- دەيدۇ مىنە ئەرقان خانىم- دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا تارتىش كېرەك. بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىش بۇ. مېنىڭ قولۇمدىن بۇ خىل ھۆججەتلىك تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تراگېدىيىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ فىلىمنى تەييارلىدىم. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مېنىڭمۇ ئازراق تۆھپەم بولسۇن دەپ، ئىستانبۇل، قەيسىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى مەدەنىيىتىنى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدىنى ئاڭلاتقان ھۆججەتلىك تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەپ ئېلان قىلدىم. ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن ۋە باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، ئۇلارنىڭ خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ تۈركىيىدە كېلىش سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلاتتۇق، 1960-يىللاردا پامىر تاغلىرىنى ھالقىپ ئۆتۈپ، ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان 200 ئائىلە ئەتراپىدا ئۇيغۇر بۈگۈن تۈركىيىنىڭ قەيسىرى شەھرىدە ياشاۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تۈركىيىدە كېلىش ھېكايىسىنى، ئۇلارنىڭ تۈركىيىدىكى تۇرمۇشىنى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىنى ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەپ ئېلان قىلدىم. يېقىندا ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇيغۇر تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، مەھمۇت قەشقىرىنى ئاڭلاتقان بىر تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەپ ئېلان قىلدىم. 21-ئەسىرگە كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار قېيىن بىر ۋەزىيەتتە ياشاش مۇجادىلىسى بېرىۋاتىدۇ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇنى كۆرمەسلىككە سېلىۋاتىدۇ. مەن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تارتىش ئۈچۈن بۇ فىلىملەرنى ئىشلەپ ئېلان قىلدىم."

مىنە ئەرقان خانىم شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ فىلىملەرنى ئىشلەش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "ھەممىمىز ئۇيغۇرلارنى بىلىمىز. ئۇيغۇر تۈركلىرىنى بىلمەيدىغان تۈرك يوق. ئەمما بۇ خىل فىلىملەرنى تەييارلاش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق بىلىۋالالايسىز. مەن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بۇ فىلىملەرنى ئىشلەش جەريانىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە باي مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت، تارىختا نۇرغۇن دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، تۈرك مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەپسۇسكى بۈگۈن خىتايلارنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا ياشىماقتا. باي تاماق مەدەنىيىتىگە ئىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن تاماقلىرىنى يېدىم، بەك لەززەتلىك ئىكەن. مەن ئۇيغۇرلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئۇلارنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بۇيرۇسا كېلەچەكتە قايتا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاندا ئەركىن بەخىتلىك ھالدا ياشىشى ئارزۇ قىلىمەن."

سىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە تامىقىنى يېدىم دېدىڭىز، قايسى تاماقلىرىنى ياخشى كۆردىڭىز؟ دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن مىنە ئەرقان خانىم مۇنداق دېدى: "ھەممە تاماقلىرى ياخشى. ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تامىقىم پولو. لەغمەنمۇ ياخشى. مەن پۈتۈن تۈرك دۇنياسى ھەققىدە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ئىشلىدىم، ھەممىسىدە تاماقلار ھەققىدە ئىزدىنىشلىرىم بولدى. تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ، تۈرك دۇنياسى ھەقىقەتەن ئىنتايىن باي مەدەنىيەتكە ئىگە، ئەمما ئىنسانلار بۇلارنى بىلمەيدۇ. شۇڭا بىز جۇرنالىستلارنىڭ ۋەزىپىسى بۇنى دۇنيا مىللەتلىرىگە تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بىز تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىۋاتىمىز."

مىنە ئەرقان خانىم شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى بۇ فىلىم تارقىتىلغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەبرىك ئالغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا تەشەككۇر ئېيتتى. كىشىلەر بەكلا ياقتۇرۇپتۇ. ھەتتا بىزنىڭ ئىدارىدىكى چوڭلىرىمىزمۇ ماڭا بەك رەھمەت ئېيتتى، ئۇلارمۇ بۇ فىلىمنى بەك ياخشى كۆرۈپتۇ. تۈركىيىدىكى، ياۋروپادىكى، كانادادىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ماڭا تېلېفون قىلىپ رەھمەت ئېيتتى. سىزگىمۇ مەلۇم ئۇنەسكو 2008-يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە بۇ ھەقتە ھۆججەتلىك تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەشنى ئويلاۋاتىمەن. ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەقىقەتەن باي مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت ئىكەن بۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش كېرەك. مەن ئۇيغۇرلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ كەلگۈسىدە مۇستەقىل دۆلەتلىرىدە ئەركىن ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن." ( ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.