تۈركمەنىستان دۆلەت باشلىقى تۈركىيە زىيارىتىدە كۆپ ساھەلەر بۇيىچە توختام تۈزىدى
2008.04.02
تۈركمەنىستان رەئىس جۇمھۇرى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوفنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۆتكەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە، توقۇمىچىلىق، قاتناش، ساياھەت، ئىنشائات ۋە بانكا ساھەلىرىدە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە بىر يۈرۈش قارارلار ماقۇللانغان. تۈركىيە ۋە تۈركمەنىستان يۇقىرىدىكى ساھەلەردە ئورتاق شىركەتلەر قۇرۇشى ئۈچۈن كارخانىچىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىكەن.
تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن تۈركمەنىستان دۆلەت رەئىسى بەردىمۇھەممەدوف ئەنقەرە چانقايادىكى رەئىس جۇمھۇرى سارىيىدا ئەسكىرىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى. ھەيئەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشقا تۈركىيىدىن 9 مىنىستىر، تۈركمەنىستان تەرەپتىن 3 رەئىس جۇمھۇرى مۇئاۋىنى قاتناشتى. بۇ ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دۆلەت تېلېۋىزيە ئىدارىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق، تاشقى سىياسەت ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى ھەمكارلىق قاتارلىق 3 توختامنامىغا قول قويۇلدى.
تۈركمەنىستان دۆلەت رەئىسى تۈركىيە باشچىلىقىدا ھەر يىل چاقىرىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىي دۆلەتلىرى ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىنى قوللاپ - قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى. تۈركمەنىستان دۆلەت رەئىسى بەردىمۇھەممەدوف بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا بولغان مەمنۇنىيىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "بۈگۈن قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقنىڭ تارىخىغا يېڭى بەتلەر ئېچىۋاتىمىز ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئالتۇن ھەرپلىرىنى يېزىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن ئۆز - ئارا زىيارىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈۋالالايمىز."
تۈركىيە ئۇزۇن يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر تۈركمەن لىدىرىنى كۈتۈۋالدى. ساپار مۇرات تۈركمەنباشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغان بەردىمۇھەممەدوف، تۈركىيىگە ئىككى كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ باردى. سابىق تۈركمەن دۆلەت رەئىسى ساپار مۇرات تۈركمەنباشى 2001-يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدا شەھىرىدە چاقىرىلغان تۈركىي دۆلەتلەر ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن تۈركىيىگە كېلىپ باقمىغان ئىدى. بۇ دۆلەت رەئىسىنىڭ تۈركمەنىستاندا يۈرگۈزۈشكە باشلىغان سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى تۈركىيەنىمۇ سۆيۈندۈردى.
بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە، توقۇمىچىلىق، قاتناش، ساياھەت، ئىنشائات ۋە بانكا ساھەلىرىدە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە بىر يۈرۈش قارارلار ماقۇللانغان. تۈركىيە ۋە تۈركمەنىستان يۇقىرىدىكى ساھەلىرىدە ئورتاق شىركەتلەر قۇرۇش ئۈچۈن كارخانىچىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىكەن. تۈركىيە تۈركمەن تەبىئىي گېزىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا سېتىشنى ئارزۇ قىلماقتا. تۈركمەنىستان دۇنيادا ئىسپاتلانغان تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ %25 ئىگە بولۇپ، تۈركمەنىستان تەبىئىي گېزىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا سېتىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئورتاق بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن.
بۇ كاسپى دېڭىزىغا قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ھەل قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئەمما تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن تۈركمەنىستان دۆلەت رەئىسى بەردىمۇھەممەدوف قول قويغان توختامنامىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش يوللىرىنىڭ ئىزلىنىدىغانلىقى يېزىلغان. مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتنىڭ تېزلا تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان تۈركمەنىستان رەئىس جۇمھۇرى بەردىمۇھەممەدوف، تۈرك كارخانىچىلارنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.
2008-يىلىدىكى ستاتىستىكىغا قارىغاندا ، ھازىر تۈركمەنىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك شىركەتلىرىنىڭ سانى 400 بولۇپ، بۇلارنىڭ تۈركمەنىستانغا سالغان مەبلىغى 1 مىليارد 800 مىليون دوللار ئىكەن. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەنمەكتە
- ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر كۆپەيدى
- ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى چېنىي ئەنقەرەگە كەلدى
- تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت ئايدىن خىتايدا زىيارەت ئېلپ بارماقتا
- تۈركىيە كابۇلدا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرماقچى
- تۈركىيە د ي پ باشلىقى چېتىن ئوزاچىقگۆز د ۇ ق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى
- تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى
- ئەنقەرەدە "مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق يىغىن چاقىرىلدى
- تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان
- خىتاي ماللىرى ئىراق يەرلىك ماللىرىنىڭ بازىرىنى كاسات قىلماقتا
- تۈركىيە پارلامېنتى ئادالەت كومىتېتى باشلىقى ئەھمەت ئىيىمايا بىلەن سۆھبەت
- ئۇيغۇر داۋاسىغا تۆھپە قوشقانلار د ئۇ ق تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى
- ئىندىئانلار چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرلارمۇ؟
- ئۆكتىچى پارتىيە مۇئاۋىن مەسئۇلى د ئۇ ق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى









