
يېقىندىن بېرى تۈركىيىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە يەر بېرىلمەكتە. تۈركىيىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان TV5 تېلېۋىزىيىسىدە ھەپتىدە بىر قېتىم بېرىلىدىغان "دۇنيا گۈندەمى" يەنى "دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى" ناملىق پروگراممىنىڭ بۇ ھەپتىدىكى قىسمىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا يەر بېرىلدى. تونۇلغان ژورنالىست ئاتىف ئۆزبەي رىياسەتچىلىك قىلغان دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى ناملىق پروگراممىدا ئادەتتە دۇنيادا ھەل بولماي كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرگە يەر بېرىلىدۇ.
پروگراممىنىڭ بۇ قىسمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قاتناشتى. رىياسەتچى ئاتىف ئۆزبەي ئەپەندى پروگراممىنىڭ باشلىنىشىدا دۇنيادا پەلەستىن مەسىلىسى، كەشمىر مەسىلىسى، چېچىنىيە مەسىلىسىگە ئوخشاش ھەل بولماي كېلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭمۇ 100 يىلدىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيادىكى باشقا مەسىلىلەرگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭمۇ دۇنيا كۈن تەرتىپىگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى بولۇپ، بۇ مەسىلىنى ئىسلام دۇنياسى جۈملىدىن تۈرك دۇنياسىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دۇنيا كۈن تەرتىپى ناملىق پروگراممىدا ئالاھىدە يەر بەرگەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەتكە باشلىدى.
بۇ قانال تۈركىيىدىن باشقا يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىگىمۇ تارقىتىش قىلىدىغان بولۇپ، TV5 قانىلىدىكى بۇ پروگراممىدا نېمىلەرنىڭ ئاڭلىتىلغانلىقى ھەققىدە پروگراممىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتىن ئاڭلاڭ.