تۈركىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00
merhaba-dunya-200.jpg
17-يانۋار كۈنى تۈركىيىنىڭ دۆلەت كانىلى بولغان TRT تېلېۋىزىيىسىنىڭ "مەرھابا دۇنيا" پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلار مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى. >> Resimlerni Körüng

17-يانۋار كۈنى تۈركىيىنىڭ دۆلەت كانىلى بولغان TRT تېلېۋىزىيىسىنىڭ "مەرھابا دۇنيا" پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلار مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى نۇقتىلىق قىلىپ تونۇشتۇرۇلغان بۇ پروگراممىدا، ئۇيغۇر سەنئىتىمۇ ئورۇن ئالدى. بۇ پروگراممىغا ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

پروگرام، دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم ئورۇندىغان ئۇيغۇرچە ناخشا بىلەن باشلاندى. گۈلزادە خانىمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تۆت نەپەر تۈرك قىزى ناخشىغا تەڭكەش قىلىپ ئوينىغان ئۇيغۇرچە ئۇسۇل تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە تارتتى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلىدىغان بۇ تېلېۋىزىيە كانىلىنىڭ تاماشىبىنلىرى تەبرىك تېلېفونلىرى ئۇردى ۋە دوكتور ئەركىن ئەكرەمدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئاللار سورىدى.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.