تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئاتىللا كوچ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلدى


2006.11.20
seyit-tomturk-200.jpg
تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئاتىللا كوچ ئەپەندى بىلەن.

تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئاتىللا كوچ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلدى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلغان ئاتىللا كوچ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئويۇنىغىمۇ بارغان ئىدى. ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر 12 مۇقام ئانسامبىلى تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئىستانبۇلغا كەلگەن ئىدى. ئۇلار تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئىزمىر قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئويۇن قويغاندىن كېيىن 11 - ئاينىڭ 20 – كۈنى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى. 48 كىشىدىن تەركىپ تاپقان مۇقام ئانسامبىلى ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنىڭ ئىچىدە 11 كىشى ئۆمەك باشلىقى ئىكەن.

بىز ئالدىنقى خەۋىرىمىزدە ئۆمەكتىكىلەرنىڭ پاسپورتىنىڭ خىتاي ئۆمەك باشلىقى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەتتا تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمايۋاتقانلىقىدىن سىلەرگە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بۇ خىل ئەھۋال ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى، ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر مۇقام ئانسامبىلىنى تۈركىيىگە تەكلىپ قىلغان تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئاتىللا كوچ بىلەن كۆرۈشكىنىدە مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان.

مىنىستىر ئاتىللا كوچمۇ بۇ ئەھۋالنى ئۆزلىرىنىڭمۇ سەزگەنلىكىنى دېگەن. 11 – ئاينىڭ 19 – كۈنى، يەنى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 يېرىمدا مىنىستىرلىك بىناسىدا ئېلىپ بېرىلگەن بۇ ئۇچرىشىشتا نېمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟ مىنىستىر ئاتىللا كوچ نىمىلەرنى دېدى؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.