تۈركىيىدىكى سىياسى پارتىيىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىشقا باشلىدى
2007-يىلى تۈركىيىنىڭ سايلام يىلى بولۇپ، 4-ئايدا رەئىس جۇمھۇرى سايلىمى، 11-ئايدا بولسا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى. ھازىر تۈركىيىدىكى پۈتۈن سىياسى پارتىيىلەر سايلام تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى. پۈتۈن پارتىيىلەر تۈركىيىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرىنى يىغىپ پارتىيىسىنىڭ كەلگۈسىدە ئېلىپ بارىدىغان سىياسەتلىرىنى ئاڭلاتماقتا.
تۈركىيىدە ئوڭچى كونسېرۋاتىپ پارتىيە دەپ بىلىنىدىغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىستانبۇلدىكى سۇلايمانىيە مەدەنىيەت مەركىزىدە سايلامغا سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنى چاقىردى. بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلىنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تومتۈرك ئەپەندى قاتناشتى. بۇ يىغىنغا تۈركىيىنىڭ 71 ۋىلايىتىدىن ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئاتىللا كوچ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلدى
- ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى، تۈركىيە سابىق باش مىنىستىرى Bülent Ecevit ۋاپات بولدى
- ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى، تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى نۇرى گۇرگۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- تۈركىيە مىللەت پارتىسى باشلىقى ئايقۇت ئەدىبالى ئەپەندى بىلەن ئۇيگۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت
- تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن "ساباھ" گېزىتىدە 3 كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارى