تۈركىيىدىكى سىياسى پارتىيىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىشقا باشلىدى

0:00 / 0:00

2007-يىلى تۈركىيىنىڭ سايلام يىلى بولۇپ، 4-ئايدا رەئىس جۇمھۇرى سايلىمى، 11-ئايدا بولسا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى. ھازىر تۈركىيىدىكى پۈتۈن سىياسى پارتىيىلەر سايلام تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى. پۈتۈن پارتىيىلەر تۈركىيىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرىنى يىغىپ پارتىيىسىنىڭ كەلگۈسىدە ئېلىپ بارىدىغان سىياسەتلىرىنى ئاڭلاتماقتا.

تۈركىيىدە ئوڭچى كونسېرۋاتىپ پارتىيە دەپ بىلىنىدىغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىستانبۇلدىكى سۇلايمانىيە مەدەنىيەت مەركىزىدە سايلامغا سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنى چاقىردى. بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلىنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تومتۈرك ئەپەندى قاتناشتى. بۇ يىغىنغا تۈركىيىنىڭ 71 ۋىلايىتىدىن ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.