تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشتى


2007.02.06

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى مەمەت ئەلقاتمىش ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى زىيارەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ئۈستىدە توختالغاندىن كېيىن، غۇلجا ۋەقەسى ۋە 1 - ئاينىڭ 5-كۈنى پامىردىكى 18 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.