
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتى پارلامېنت ئەزاسى، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۈركىيە ھەيئىتى ئەزاسى، دوكتور سۇلايمان گۈندۈز ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار زىيارىتىدە سۇلايمان گۈندۈز ئەپەندىگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيىدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈرك پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىشىنى تەلەپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تېمىسدا 65 بەتلىك دوكلاتنى پارلامېنت ئەزاسى سۇلايمان گۈندۈز ئەپەندىگە سۇندى. پارلامېنت ئەزاسى سۇلايمان گۈندۈز ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ دوكلاتنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياۋروپا پارلامېنتى ۋە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئەكېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ بىزنىڭ سۇئاللىرىمىزغا جاۋاپ بەردى.
- ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى سۇلايمان گۈندۈز ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قانداق قارايسىز؟
- خىتايدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كەلسەك، خىتايدىكى مەسىلە پەقەتلا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ئەمەس، خىتايلار ھازىر ئېكولوگىيىنى بۇزىدىغان سىياسەت ئېلىپ بېرىپ ئىنسانلارغا زىيان بېرىۋاتىدۇ. ئېكولوگىيىلىك بۇلغىنىشتىن ئەڭ كۆپ زىيانغا ئۇچراۋاتقان يەنىلا شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان يادرو سىناقلىرى شەرقىي تۈركىستانلىق نۇرغۇن قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە راك كېسىلىگە ئوخشاش كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشىغا سەۋەپ بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇلاردىن باشقا بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تارىختىن بېرى خىتاي بېسىمىغا قارشى ئۆز تىلىنى، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمىز. بىر دۆلەت ئۆز خەلقىنىڭ بەختى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن مەۋجۇتتۇر. ئەگەر ئۇ دۆلەت ئۆز خەلقىگە بەخىت - سائادەت ئېلىپ كەلمەي، بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بولسا، بۇ دۆلەتتە مەسىلە بار دىگەنلىكتۇر. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىز بىلەن تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى بىر قېرىنداشلىرىمىزدۇر. بىز بۇ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. بىز سىياسەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئازايتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. خىتاي ئۆز خەلقىگە زۇلۇم ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇر خەلقىگە بېسىم ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇشى كېرەك. مەن يېقىن كەلگۈسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بەزى قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
- دۇنياۋىلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە ئىنسان ھەقلىرى دۇنياۋى بىر قىممەتكە ئايلاندى، ئىنسان ھەقلىرى دۇنياۋىلىشىۋاتقاندىن كېيىن بىر دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە ئارىلىشىش ھەققى بولىدۇ. تۈركىيە بۇرۇندىن تارتىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمەن، دەپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن ئىدى، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
- تۈركىيە دۇنيا تېنچلىقىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن دۇنيا خاراكتېرلىك ۋە رايون خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئىچىدە يەر ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بىر دۆلەت. تۈركىيە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خوشنا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقان بىر دۆلەت. تۈركىيە 2003-يىلىدىن باشلاپ تاشقى سىياسەتلىرىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ باردى، بەلكى ئالدىمىزدىكى يىللاردا تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىشى مۇمكىن. بىز سىياسەتچىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۇنيانىڭ نەرىدە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى بولسا، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز، كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. ئەڭ مۇھىمى، بۇ خىل ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىپ مۇزاكىرە قىلىشتۇر. مەن ياۋرۇپا پارلامېنتى بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى ئەزاسى. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە رايونىمىزدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى تەشكىلاتىمىز ئارقىلىق ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىپ مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىمىز.
- سىز خىتايغا رەسمى زىيارەتكە بارغان ۋاقتىڭىزدا، خىتاي رەھبەرلەر بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىڭىزنى دەپ ئۆتتىڭىز، بۇ ھەقتە بىراز توختالسىڭىز قانداق؟
- خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىدە بىزنىڭ كۆزىمىز يوق. بىز ئۈچۈن پۈتۈن مەسىلە خىتاي ئىچىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مائارىپ، سەھىيە ۋە باشقا جەھەتلەردە خىتايلار بىلەن تەڭ باراۋەر بولۇشىدۇر. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان ھەقسىزلىقلارنىڭ تۈزىتىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلارنىڭ ئادىل بىر شەكىلدە تارقىتىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ خىتايلار ئىلگىرى سۈرگەندەك خىتاي دۆلىتىنى پارچىلىۋېتىش مۇددىئاسى يوق. قىسقىسى بىز خىتاي رەھبەرلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە، مەيلى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بولسۇن مەيلى بىزنىڭ بولسۇن خىتاينى پارچىلاش ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنساندەك ياشىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق. خىتايلار بىلەن بولغان تىجارى مۇناسىۋىتىمىزدە تەڭپۇڭسىزلىق بولسىمۇ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ياخشى. ئەگەر خىتاي دۆلىتى بۇ دوستلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىمەن دەيدىكەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشى كېرەك. (ئەركىن تارىم)