د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى ئونۇر ئۆيمەن بىلەن ئۇچراشتى


2007.02.20

onur-oymen-200.jpg
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى ئونۇر ئۆيمەن ئەپەندىنى زىيارەت قىلماقتا.

بۇ يىل تۈركىيىدە جۇمھۇر رەئىسى سايلىمى بىلەن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مانا شۇ سەۋەبلىك، سايلام ھارپىسىدا دۇق ۋە تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ھەر قايسى سىياسى پارتىيە مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا.

بۇ مەقسەت بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن مۇستافا ئاق يۈرەك ۋە ئونۇر ئۆيمەن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتى.

ھەيئەت ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ماۋزۇلۇق 65 بەتلىك دوكلاتنى سۇندى. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى، تۈركىيە-ياۋروپا پارلامېنتەرلەر بىرلىكى مۇئاۋىن باشلىقى، تۈركىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىسيونى ئەزاسى ئونۇر ئۆيمەن ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئونۇر ئۆيمەن ئەپەندىگە سۇئال سورىدۇق.

- تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيە پارلامېنتىدا سەيپۇرۇس مەسىلىسى، ئىراقتىكى تۈركمەنلەرنىڭ مەسىلىسى مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ تۇرماقتا. ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلمەيۋاتىدۇ، سىزچە بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

- بىزنىڭ پارتىيىمىز يەنى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئوچۇق پىرىنسىپلىرى بار. بىز پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز. ئىككىنجىسى، بىز نىمە مەقسەت بىلەن قىلىنغان بولسا بولسۇن ھەرقانداق زوراۋانلىققا قارشى تۇرىمىز. زوراۋانلىق يولى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قارشى تۇرىمىز. ئەمما بىز يەنە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىنسان ھەقلىرىگىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمىز. پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ تەڭ- باراۋەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز ۋە بىز بۇ كۆز قارىشىمىزنى ھەر يەردە ھەر پۇرسەتتە بايان قىلىپ كەلدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتە ناھايىتى زور ئىلگىرىلەشلەر مەيدانغا كەلدى. بۇرۇن دىكتاتورلىق بىلەن باشقۇرۇلغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ھازىر دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بولدى. ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىسى دىيەلمەيدۇ. بىز ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ بالدۇرراق دېموكراتىكلىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. شۇنداقلا خىتايدا ياشاۋاتقان مىليونلارچە ئۇيغۇر تۈركىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە راھەت، ئەركىن ھالدا ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىنىپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇ دېگەنلىك بىز خىتايغا قارشى دېگەنلىك ئەمەس. بىزنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ياخشى.

- تۈركىيىدىكى ھۆكۈمەتلەر داۋاملىق تۈردە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز دەپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن چېكىنىپ كېلىۋاتىدۇ؟ سىز ئۇزۇن يىل دىپلومات بولۇپمۇ ۋەزىپە ئۆتىدىڭىز. تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى زادى نېمە؟

- ھەر دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىمايدىغان نۇقتىئىنەزەردىن قاراش كېرەك. شەرقىي تۈركىستان يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرمۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقلىرىگە ئوخشاشلا ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇش ھەققىگە ئىگە. بىر دۆلەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەرگىزمۇ ئۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بولمايدۇ. تۈركىيەگىمۇ نۇرغۇن دۆلەتلەر ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەققىنى بېرىڭلار دەيدۇ. بىز ئۇنداق دېگەنلەرگە دۈشمەن دەپ قارىمايمىز. چۈنكى ئىنسان ھەقلىرى دۇنياۋى بىر مەسىلە. ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن قاراش كېرەك. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەسىلىسىنى شىددەتكە تايىنىپ ھەل قىلىشىنى خالىمايمىز.

- ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى ئونۇر ئۆيمەن ئەپەندى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈركىيە تىكا ئىدارىسىنى قۇرۇپ پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا سىبىرىيەدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىدىمۇ تۈركىيەنىڭ كونسولوسلۇقلىرى بار، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا يوق، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

- بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى توختامنامىگە باغلىق. خىتايلارنىڭ ئىستانبۇلدا باش كونسۇلخانىسى بار، بىزنىڭ شاڭخەيدە باش كونسۇلخانىمىز بار. ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا كونسۇلخانا ئاچىدىغان بولساق، ئۈرۈمچىدە ئاچساق پايدىلىق بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بىز بۇ مەسىلىلەرنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ ھەل قىلىمىز. خىتايلار ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيىدىن گۇمانلانماسلىقى كېرەك. چۈنكى تۈركىيىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى يوق.

- ھۆرمەتلىك ئونۇر ئۆيمەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى مۇجادىلىچىسى رابىيە قادىر خانىم ئىككى قېتىم تۈركىيىگە تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، تۈركىيە ۋىزا بەرمىدى، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

- تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ۋىزا بېرىشتە قاتتىق بىر سىياسىتى يوق. ئەمما نېمە ئۈچۈن ۋىزا بېرىلمىدى بۇنى مەن سۈرۈشتە قىلىمەن. تۈركىيە ئەركىن بىر دۆلەت. جىنايەت ئىشلىمىگەن ھەرقانداق كىشى تۈركىيىگە كېلەلەيدۇ. تۈركىيىدە ھەممە ئادەم ئۆز پىكرىنى ئەركىن بايان قىلىش ھەققىگە ئىگە. بۇ قېتىمقى سايلامدا پارتىيىمىز ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە تۈركىيىدە ۋە دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار ئۆزگىرىدۇ. تۈرك دۇنياسىدىمۇ ھەم شۇنداق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.