د ئۇ ق رەھبەرلىرى تۈركىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى


2007.02.21

duq-turkiye-200.jpg
د ئۇ ق ۋەكىللىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن دۇق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، دۇق ياشلار كومىتېتى تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن باشچىلقىدىكى بىر ھەيئەت بۈگۈن يەنى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا بېرىپ، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ياۋروپا ئىشلىرى كومىسيونى باشلىقى ياشار ياقىش، خىتاي تۈرك پارلامېنتەرلەر بىرلىكى دوستلۇق كومىتېتى باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى سالىھ كاپۇسۇز، تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى سادىق ياقۇت قاتارلىق كىشلەر بىلەن ئۇچراشتى.

بۇ ئۇچرىشىشلاردا ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ماۋزۇلۇق 65 بەتلىك دوكلات سۇنۇلدى شۇنداقلا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈشى ۋە ئىقامەت ئېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياشار ياقىش ئەپەندى ھەيئەتنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئاساسىدا ئۇيغۇر مەسىلسىنىڭ تۈركىيەدە ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن رابىيە قادىرغا نىمە ئۈچۈن ۋىزا بېرىلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىدىقانلىقىنى ئېيىتتى.

بىز ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياشار ياقىش ئەپەندىگە سۇئال سورىدۇق.

- دۇنيادىكى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر دىياردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا. پارتىيىڭىز ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشتىن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشكىنىدە ئۇيغۇر مەسىلىسگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى دىگەن ئىدىڭىز. ئەمما ھازىرغىچە بىر نەتىجە يوق. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟

- تۈركىيە بىلەن خىتاي ئىككى دوست دۆلەت. بىز دوستلۇقىمىزنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈنمۇ تىرىشىۋاتقان ئىككى دۆلەت. بىز ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرىغا ئىگە ھالدا ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. خىتايلار ئامېرىكىنىڭ قېرىندىشى ئەمەس تۇرۇقلۇق تيەنئەنمىن ۋەقەسى يۈز بەرگەندە خىتاي دۆلىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئۇلارغا ئىمبارگو قويغان ئىدى. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، بۇنداق ئىكەن ئۇلارغا ئىگە چىقىش بىزنىڭ ئىنسانىي بۇرچىمىز. تۈركىيىنىڭ خىتاينىڭ ھېچبىر يېرىدىكى تەررورىست پائالىيەتلەرگە ياردەم قىلغىنى يوق. بىز ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتاينىڭ ياخشى ۋەتەندىشى بولۇپ ياشىشىنى، ئۆز يۇرتىدىكى يەر ئاسىتى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ پاراۋانلىق ئىچىدە ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. شۇڭا بىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇ ئاساستا ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كۆۋرۈك دەپ قارايمىز. خىتاينىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا مانا مۇشۇنداق قارىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. خىتاينىڭ پەقەتلا تۈركىيە بىلەن ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلار كۆۋرۈك بولالايدۇ.

- ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مۇجادىلىچىسى رابىيە قادىر پۈتۈن ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئايلىنىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى ئاڭلىتىۋاتىدۇ. تۈركىيىگە ئىككى قېتىم رەسمىي تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ۋىزا بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن كېلەلمىدى. سىز بىر سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن تۈركىيىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىگە قانداق قارايسىز؟

- بۇ ئىشنى مەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئۇقۇپ بېقىشىم لازىم. بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەي تۇرۇپ بىر نىمە دېيىشنى خالىمايمەن. ئەمما ھەرقانداق دۆلەت كىمگە ۋىزا بېرىپ كىمگە بەرمەسلىكىنى ئۆزى قارار قىلىدۇ. بىرىسىنىڭ گېپى بىلەن ئىش قىلمايدۇ. ئامېرىكا تېرورىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنى ئۆز دۆلىتىگە قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا ساياھەت پاسپورتى بەرگەن. ئەگەر بىزگە كەلگەن بولسىمۇ بىز شۇنداق قىلغان بولاتتۇق. مەن يەنە بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەي تۇرۇپ بىر نەرسە دىمەي.

- پارتىيىڭىز ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار سىلەردىن نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئىدى. ئەمما ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچبىر ئىش قىلمىدىڭلار، ياكى مەن بىلەلمىدىممۇ؟

- بۇ مەسىلىنى قەستەنگە كۈن تەرتىپكە قويمىغىنىمز يوق. تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىنى سىلەر ناھايىتى ياخشى بىلىسىلەر. كۈن تەرتىپ ناھايىتى جىددى. بەزى مۇھىم مەسىلىلەر بار كۈن تەرتىپتە. بۇ مۇھىم مەسىلىلەر ئالدىنقى پىلانغا ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كەلمەيۋاتىدۇ. مەن پارتىيىمىزنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر سىياسىتىنى ئۆزەم يازدىم. بىزنىڭ بۇ پارتىيىنىڭ پروگراممىسىدا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى قانداق قىلىپ كۈچەيتىش مەسىلىسى توغرۇلۇق ناھايىتى تەپسىلى يازغان ئىدىم. قىسقىسى، بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىز تىلى بىر، دىنى بىر، مەدەنىيىتىمىز بىر تۈركىي مىللەتلەر بىلەن سىياسى، تىجارى، مەدەنىيەت مائارىپ جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلارمۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.