د ۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىن بىلەن كۆرۈشتى


2007.03.05

duq-turkiye-ministir-200.jpg
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، د ئۇ ق تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىن ئەپەندى بىلەن بىللە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 دا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلىك بىناسىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. بۇ ئۇچرىشىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىن ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋالى ۋە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بىر سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىن ئەپەندى تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان سىياسىتى، تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە بولغان سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرى يەنە تۈركىيىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ تۈركىيىنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ۋە ۋىزا بېرىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. قىزغىن بىر كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەن بۇ ئۇچرىشىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىنغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى دوكلاتنى ۋە كۆك بايراق ژورنىلىنى تەقدىم قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ مەمەت ئايدىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشىشنىڭ مەقسىتى ئۈستىدە بىزگە مەلۇمات بەردى.

بىز بۇ ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىنغا سۇئال سورىدۇق.

- ھۆرمەتلىك دۆلەت مىنستىرى مەمەت ئايدىن ئەپەندى، ئۇيغۇر دىگەن ۋاقىتتا ئېسىڭىزگە نىمە كېلىدۇ؟

- ھەممىمىزگە مەلۇم، تۈرك تارىخى دېگەن ۋاقتىمىزدا تۈركلەر تا ئۇيغۇر دىيارى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن. ئۇيغۇر دېگەن ۋاقتىمىزدا ئاتىلىرىمىز ئەجداتلىرىمىز ئېسىمىزگە كېلىدۇ. ئۇيەردە ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئىسىمىزگە كېلىدۇ.

- ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچار بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرى سىزگە دەپ ئۆتتى، بۈگۈن ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دۇنياۋى بىر قىممەت. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدە بىر نەرسە دېگىنىڭىزدە ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشما، دەيدۇ. ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرگە قانداق قارايسىز؟

- ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دۇنياۋى بىر قىممەت ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇ مەسىلىدە ئىككى نۇقتا بار. بىرى، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى نەزەردە تۇتۇش لازىم. خىتاي نۇقتىئىنەزىرىدىن تۇرۇپمۇ بۇ مەسىلىگە قاراش كېرەك. يەنە بىرى، ئوخشاش ۋاقىتتا بىر دۆلەتنىڭ خەلقلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق ئايرىمىچىلىق قىلمىغان ئاساستا سىياسەت ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇ 21-ئەسىرنىڭ خەلقئارا سىياسەتتىكى مۇھىم بىر ئۆلچىمى. ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرى بولۇشتىن چىقتى. شۇڭا بىز تۈركىيىدىكى بىر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى بۇ بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىز دىيەلمەيمىز. خىتايدىكى مەسىلىلەر مەن مۇنداقلا جاۋاپ بېرىدىغان بىر مەسىلە ئەمەس. مەن بۇ مەسىلىنى يېقىندىن كۈزىتىشىم، بۇ مەسىلە ھەققىدە مەلۇمات ئىگىسى بولۇشۇم كېرەك. ئەپسۇسكى، بۈگۈنگىچە ئۇ يەرگە بېرىش پۇرسىتىم بولمىدى. چوڭ كىچىك ھەرقانداق بىر دۆلەت ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىكى كەمچىلىكلىرىنى تۈزەتمەي تۇرۇپ ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.

- ھۆرمەتلىك دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىن ئەپەندى، سىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە مەسئۇل بىر مىنىستىر، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرگە ئىقتىسادى، مەدەنىي مائارىپ جەھەتتە ياردەم قىلىۋاتىدۇ، مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان بىر ياردەم يوق. تۈركىيە ھەتتا موڭغۇلىستاندىنمۇ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ئەكىلىپ ئوقۇتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىنماسلىقنىڭ سەۋەبى نىمە؟

- بۇنىڭ سىياسى تەرىپى مېنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرەمدە ئەمەس. تۈركىيىنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى. خىتاي بىلەن بولغان تىجارى سوممىمىزمۇ يۇقىرى. مەنچە سىز دېگەن مەسىلىلەرنى خىتايلار بىلەن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇمكىن. بولماسلىقى ئۈچۈن بىر سەۋەپ يوق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.