بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى


2007.03.12

birlik-partiyisi-200.gif
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت قەيسىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنى زىيارەت قىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت قەيسىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەتچىلەر ئارىسىدا بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئۇزەيىر تۇنچ، ئوككەش شەمدىنلەر، ھەسەن ھۈسەيىن بوزئوق قاتارلىق كىشىلەرمۇ بار ئىدى. بۇلارنى قەيسىرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ كىرىشىدە چوڭ كىچىك بولۇپ يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر قىزغىن كۈتۈۋالدى. جەمئىيەت بىناسىغا يېتىپ كەلگەن مۇھسىن يازىجىئوغلۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"ئاتا يۇرتىمىزدىن چىقىپ تۈركىيىگە كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى سۈرگۈنلۇك ھاياتىدا جاپا چەككەن، يوللاردا ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزغا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە ئوسمان باتۇرغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن. ئەركىنلىك، تۈركلۈك يولىدا ھاياتىنى بەرگەن، ئىستىقبالىنى قۇربان قىلغان پۈتۈن مۇجاھىتلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن، ئۇلارغا شۈكرى سانا قىلىمەن. ئەلۋەتتە تۈركىيىدە ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ھىمايىسىدە بولۇشتىن ئۆزەڭلەرنى بەختلىك ھېس قىلىسىلەر، بىزمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما شەرقىي تۈركىستان داۋاسى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يېتەرلىك دەرىجىدە كۈن تەرتىپكە كەلمەيۋاتىدۇ. داۋاغا پۈتۈن تۈرك دۇنياسىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ. سىلەر ئۇزاق دىيارلاردا بۇ داۋانى سۈردۈرۈشكە تىرىشىۋاتىسىلەر. بىز بۇ داۋايىڭلارنى تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. بىز ھەر دائىم سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا. مەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا داۋاملىق شۇنى تەكىتلەۋاتىمەن. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا ياش، يېتىشكەن، قابىلىيەتلىك كىشىلەرگە ئېھتىياج بار. ئۇلارغا كۆپ ۋەزىپە چۈشىدۇ. تەشكىلاتىڭلار پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك بىر شەكىلدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىۋاتىدۇ. مەن سىلەرنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن، بىز بىر چوڭ يىغىن ئۈچۈن قەيسىرىگە كەلگەن ئىدۇق. سىلەرگە بولغان ھېسداشلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تەشكىلاتىڭلارغا پارتىيىمىزنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە كەلدۇق. قىزغىن قارشى ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن".

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز ئېلىپ مۇنداق دېدى:

"ھۆرمەتلىك باشلىق، سىز پارتىيىڭىزنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە جەمئىيتىمىزنى زىيارەت قىلىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خۇرسەن قىلدىڭىز. بىز سىزنى كىچىكىمىزدىن تارتىپ بىلىمىز. سىز ھېچقاچان قىلچىلىك تەۋرىمەستىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلدىڭىز. بىز بۇنى تەقدىرلەيمىز. بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە خاتا سىياسەت ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سەل قارىدى. تۈرك مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيان مەزلۇملارغا ياردەم قولىنى ئۇزۇتۇپ كەلگەن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇندىن كېيىنكى تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇر مەسىلسىگە كۆڭۈل بولدىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. بولۇپمۇ تۈركلەر بىلەن تىلى بىر، دىنى بىر، كۆكى بىر ئۇيغۇر خەلقىگە خىتايلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىمغا تۈركىيەنىڭ ئىتىراز بىلدۈرۈشىنى ئۈمىت قىلىمىز. سىز ۋە پارتىيىڭىز بۇرۇندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭلار. بولۇپمۇ 1995- 1999-يىللىرى ئارىسىدا تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرگەن ۋاقتىڭلاردا، خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماستىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئەكەلدىڭلار. ھەتتا 1998-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى ئەنقەرەدە چاقىرىلغاندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەرنى پارلامېنتتىكى ئىشخانىڭىزدا قوبۇل قىلىپ ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىغان ئىدىڭىز. بىز سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ تۈركىيە پارلامېنتىگە كىرىپ ئۇيغۇر مەسىلسىنى پارلامېنتنىڭ كۈن تەرتىپىگە قويۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز. بۇ قېتىمقى قەيسىرى زىيارىتى جەريانىدا سىزنىڭ ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ تەشكىلاتىمىزغا كېلىپ بىزدىن ھال سورىشىڭىز بۇيەردىكى ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى خۇرسەن قىلدى. مەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار نامىدىن سىزگە رەخمەت ئېيتىمەن. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.