سائادەت پارتىيىسى رەھبىرى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى


2007.03.27

turkiye-uyghur.jpg
ئۆتكەن ھەپتىنىڭاخىرى سائادەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى ئىسمايىل مۈفتۈئوغلۇ باشچىلىقىدىكى 7 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قەيسىرىدىكى مەركىزى ئىشخانىسىغا بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى.

تۈركىيىدە جۇمھۇر رەئىسى سايلىمى بىلەن پارلامېنت سايلىمى يېقىنلىشىپ قالغان كۈنىمىزدە تۈركىيىدىكى ھەرقايسى سىياسى پارتىيە رەھبەرلىرى ئارقا ئارقىدىن تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ دەرتلىرىنى ئاڭلىماقتا. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك ئۆتكەن ئاي بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇمۇ ھەيئەت ھالىدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى بولسا سائادەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى ئىسمايىل مۈفتۈئوغلۇ باشچىلىقىدىكى 7 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قەيسىرىدىكى مەركىزى ئىشخانىسىغا بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى.

بىز بۇ زىيارەتكە كەلگەن سائادەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق ئادالەت مىنىستىرى ئىسمايىل مۈفتۈئوغلۇ بىلەن تېلىفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

- ھۆرمەتلىك سابىق مىنىستىر، بۇ قېتىمقى زىيارىتىڭىزنىڭ مەقسىتى نىمە؟

- بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىر جەمئىيەت قۇرغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىدۇق. شۇڭا مەن ئۇلار بىلەن تونۇشۇش، دەردىنى ئاڭلاش ئۈچۈن جەمئىيەتكە كەلدىم. ئەسلىدە مەن بۇلار ئاڭلاتقان مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنى بىلەتتىم. چۈنكى بىز بۇرۇندىن تارتىپلا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ يېنىدا بولغان ئىدىم. ئەمما ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ ئىشلاردىن بىراز ئۇزاق قالدىم . تۈركىستان ئەسلىدە بىزنىڭ قانىغان يارىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەم دىنى ھەم مىللى جەھەتتىن بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. شۇڭا ئۇلارنىڭ زۇلۇم ئىچىدە قېلىشى بىزنى تولىمۇ بىئارام قىلماقتا. شۇڭا بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قانداق ياردەم قىلالايمىز، قولىمىزدىن نىمە كېلىدۇ، بۇلارنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن كەلدىم. شەرقىي تۈركىستان مەدىنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىزگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇيەردە ۋەزىيەت بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋېتىپتۇ، بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆڭلۇم قاتتىق يېرىم بولدى. بىز چوقۇم بۇلارغا ياردەم قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيمىز.

- پارتىيىڭىزنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان سىياسىتى نىمە؟

- بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پەلەستىن مەسىلىسىدىن، ئافغانىستان ۋە سەيپۇرۇس مەسىلىسىدىن پەرقلىق كۆرمەيمىز. بىز ئۈچۈن ھەممىسى ئوخشاش. بىز ھازىر ئۆكتىچى پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ۋە شەخسەن ئۆزەممۇ ھەم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قانداق ياردەم قىلالايمىز، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نىمە قىلالايمىز، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرىۋاتىمىز.

- ھۆرمەتلىك سابىق مىنىستىر ئىسمايىل مۈفتۈئوغلۇ ئەپەندى، سايلام يېقىنلىشىۋاتىدۇ. پۈتۈن پارتىيەلەر شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ. 2003-يىلىدىكى سايلامدىن بۇرۇنمۇ ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ۋەدىلىرىنىڭ كۆپى ئەمەلگە ئاشمىدى. سايلام يېقىنلىشىۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى سايلامدا ئەگەر سىلەر تۈركىيە پارلامېنتىگە كىرسەڭلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كونكرېت نىمىلەرنى قىلىسىلەر؟

- مەن شۇنى دەي، مەن بۇ مەسىلىگە سىياسى جەھەتتىن قارىمايمەن. بۇ ئۇيغۇرلار مېنىڭ مىللىتىمنىڭ قېرىنداشلىرى، مېنىڭ دىنداشلىرىم. مەن بىر مۇسۇلمان تۈرك بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلارغا قانداق قارىشىم كېرەك بولسا مەن شۇ نۇقتىئىنەزەردىن قارايمەن. مەن ئۆز قېرىندىشىمغا قانداق ياردەم قىلىشنى ئويلىسام، بۇلارغىمۇ شۇنداق ياردەم قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن. مەن بۇ تەشكىلاتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا شۇنى دىدىم، مېنىڭ ئەگەر بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كۆزۈم يەتمىگەن بولسا، ھاكىمىيەتكە كەلمىگەن بولاتتىم. مەن تۈركىيەگە كەلگەن 500 - 600 ئۇيغۇر قېرىندىشىمنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىسام، بۇ ھەممىدىن ئاۋۋال قېرىنداشلىققا ياراشمايدۇ، تۈركلىكىمىزگە ياراشمايدۇ. بۇنىڭ دۆلەتلەر ئارىسدىكى سىياسەت بىلەن ئالاقىسى يوق. مەنچە ھازىرقى ھۆكۈمەت ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولمىگەن بولسا بۇ ئۇلارنىڭ قورقۇنچاقلىقىدىن بولدى. بىز خىتايدىن قورقمايمىز.

- سىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پەلەستىن، سەيپۇرۇس، ئافغانىستان مەسىلىسىدىن ھىچبىر پەرقى يوق، دېدىڭىز. ئۇنداقتا ئۇيغۇر مەسىلىسى نىمە ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدە يوق؟

- بۇ ، ھازىرغىچە تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن پارتىيەلەرنىڭ قارارلىق تاشقى سىياسەت ئېلىپ بارالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. تاشقى سىياسەت قارارلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. بىزنىڭ پارتىيىمىز سەيپۇرۇس مەسىلىسىدە ئىنتايىن ئىرادىلىك بىر سىياسەت ئېلىپ باردى. سەيپۇرۇستىكى تۈرك قېرىندشلىرىمىزغا گىرىكلار زۇلۇم قىلغاندا، 1975-يىلى بىز سەيپۇرۇسقا ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇلارنى قۇتۇلدۇردۇق. مەن قېرىنداشلىرىمنىڭ مەسىلىسىنى پارتىيەمگە راي ئېلىش ئۈچۈن قوللانمايمەن. مەن شەرقىي تۈركىستان مەدىنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە پارتىيەم ئۈچۈن راي تەلەپ قىلىپ كەلمىدىم. مەن بىرىنجىدىن، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىككىنجىدىن، بىر تۈرك بولۇش، ئۈچۈنجىدىن، بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ياردەم قىلىمەن.

- ئەڭ ئاخىرىدا رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا نىمە دىمەكچى سىز؟

- شۇنى ھېچكىم ئۇنۇتمىسۇن، زۇلۇم بىلەن ئاۋات بولغان، قاغىش بىلەن بىتچىت بولىدۇ. ئاللاھ ھەردائىم مەزلۇمنىڭ يېنىدا. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئايدىڭلىق كۈنلەر كېلىدۇ. چوڭ دۆلەتلەرمۇ پارچىلىنىدۇ. ۋاقىت ئاز قالدى. خىتاينڭ بېسىم سىياسىتى كۈچەيگەنسېرى ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىدىغان كۈنلىرى يېتىپ كەلىدۇ. مەن ئاخىرىدا پۈتۈن تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمغا سالامىمنى ۋە سۆيگۈلىرىمنى يوللايمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.