تۇركىيەدىكى يېڭى چاغ تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى


2007.07.30

تۈركىيەدىكى يېڭى چاغ تېلېۋىزىيىسىدە يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى. "7 دەۋلەت تەك مىللەت" يەنى 7 دۆلەت بىر مىللەت ئىسىملىك پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش سېكرىتارى ھامۇت گۆكتۈرك، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ئاياللار بۆلۈمى باشلىقى نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم، مەمەت يۈسۈپ پوسما ۋە تۇرسۇن يۈسۈپ پوسمىلار قاتناشتى.

پروگراممىغا در. تەنزىلا ئاباسوۋا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، بىر سائەتلىك بۇ پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدىنىيىتى ۋە ئۇلار ھازىر ئۇچراۋاتقان بېسىملەر ئاڭلىتىلدى. ئاكا- ئۇكا پوسمىلار تەمبۇر ۋە دۇتار بىلەن ئورۇنلىغان ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى پروگراممىغا رەڭ قوشتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ پروگرامما قاتناشقۇچىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.