تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى تانەر يىلدىز ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
2007.08.30
7-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدىن كېيىن تۈركىيىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى قايتىدىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن ئىدى. مەلۇمكى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلغان ئىدى.
يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدىكى ۋەكىلى خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل باشلىق بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم ئەزالار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ھاكىمىيەتتىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان تانەر يىلدىز ئەپەندى ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. تانەر يىلدىز ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ دىنى، تىلى ۋە دىلى بىر بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا يېقىندىن ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان.
7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سايلىنالماي پارلامېنتقا كىرەلمىدى يەنە بەزىلىرى بولسا قايتىدىن سايلىنىپ پارلامېنتقا كىردى. مانا بۇ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قايتىدىن سايلىنىپ پارلامېنتقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىش مەقسىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن تەپتىشى خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى خادىملىرىدىن ئابدۇللاھ فادىھ قاتارلىق كىشىلەر تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرىپ پارلامېنت ئەزالىرىنى زىيارەت قىلدى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ قەيسىرىدىن سايلاپ چىقىلغان پارلامېنت ئەزاسى بولغان تانەر يىلدىز ئەپەندى زىيارەت قىلىنغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىرى ئىدى. زىيارەت جەريانىدا خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ئەپەندى ئالدى بىلەن پارلامېنت ئەزاسى تانەر يىلدىز ئەپەندىگە ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە ئۆزلىرىگە قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. تانەر يىلدىز ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ سۆزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن سۆز قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ زىيارىتى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تىلى بىر ، دىلى بىر ۋە دىنى بىر بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىدىغان ياردىمىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ ئۇچرىشىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن بىز تانەر يىلدىز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق .
ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك تانەر يىلدىز ئەپەندى، سىلەرنىڭ پارتىيە سايلامدا ناھايىتى يۇقىرى ئاۋاز ئېلىپ قايتىدىن پارلامېنتقا كىردى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە نېمە دەيسىز ؟
تانەر يىلدىز: مەن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىغا مېنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. بىزنىڭ 2002- يىلىدىن 2007-يىلىغىچە بولغان ھاكىمىيەتتىكى مەزگىلىمىزدە بولغانغا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان ھېسداشلىقىمىز داۋام قىلىدۇ. مەيلى قەيسىرىدە بولسۇن، مەيلى پارلامېنتتا بولسۇن بۇ ھەقتىكى خىزمەتلىرىمىز بۇندىن كېيىن تېخىمۇ زورىيىپ بارىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىز داۋاملىق بىر سەپتە تۇرىمىز. ئۇلارغا بولغان ياردىمىمىز ھەر ۋاقىت داۋام قىلىدۇ. بىزنىڭ پارتىيىمىزنىڭ نىزامنامىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىگە ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىياسەتكە ناھايىتى ئەتراپلىق يەر بېرىلگەن .بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەت مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىيە جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىمىز، مۇناسىۋىتىمىز بارغانسېرى تەرەققى قىلىدۇ. مەن ئالدىمىزدىكى بۇ 5 يىل ئىچىدە قولۇمدىن كېلىشىچە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ بەزى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن. ئەگەر بۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ دەردىنىڭ ئازىيىشى ئۈچۈن ئازراق خىزمەت قىلالىسام ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىمەن .
ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە پارلامېنتتا سىپرۇس مەسىلىسى ۋە ئىراقتىكى تۈركمەنلەرنىڭ مەسىلىسىگە ئوخشاش بىر يۈرۈش مەسىلىلەر كۈن تەرتىپكە قويۇلدى. ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە قويۇلمىدى، ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پارلامېنت كۈن تەرتىپىگە قويامسىز ؟
تانەر يىلدىز: بىلگىنىڭىزدەك، بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتى ئۇ دۆلەتتىكى ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ . بۇ ئىككىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۆتكەن 5 يىلدا ئىنسان ھەق - ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ئۈستىدە پارتىيىمىز تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بەزى ئىسلاھاتلار دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ تەقدىرلەشلىرىگە ئېرىشكەن ئىدى. بىز بۇ ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى يەنە داۋام قىلىمىز. تۈركىيە كۈچلەنگەن تەقدىردە دۇنيا مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلەلەيدىغان ھالغا كېلىدۇ، شۇڭا تۈركىيىدىكى ئۆزگىرىشلەر كەلگۈسىدە تۈركىيىنىڭ باشقا يەرلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ئۈچۈن يول ئاچىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
ئەركىن تارىم: ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتىيە مۇنبىرى ناملىق يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى، تۈركىيىگە كېلىشى ئۈچۈن ۋىزا بېرىلمىگەندە سىز ئوتتۇرىغا كىرگەن بولسىڭىزمۇ يەنىلا ھەل بولمىغان ئىدى. بۇ قېتىم رابىيە قادىر خانىم تۈركىيىگە كەلمەكچى بولسا يەنە مۇشۇنداق ئەھۋال تەكرارلىنارمۇ ؟
تانەر يىلدىز: مەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىرىنچى قېتىم تۈركىيىگە ۋىزا ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغانلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگىمۇ مەن بۇ ئەھۋالنى دېگەن ئىدىم. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋىزا ئېلىشى ھەقىقەتەنمۇ بىر مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. ۋاقىت بىلەن بۇ ئىشنىڭمۇ ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەنچە ھېچكىمنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكى چەكلەنمەسلىكى كېرەك. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق ۋەكىللىرى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى
- تۈركىيە ژۇرنالىستى مەمەت راگىپ ۋۇرالنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
- ھەربىي مانېۋىر ۋە ئولىمپىك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى
- تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ئورخان كاۋۇجۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
- 18 - نۆۋەتلىك ئەرجىيەس قۇرۇلتىيىدا " شەرقىي تۈركىستان" ناملىق كۆرگەزمە ئېچىلدى
- 13 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم تەكلىپلەر مۇزاكىرە قىلىنماقتا
- 13 - نۆۋەتلىك تۇرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى ماكېدونىيەدە رەسمى باشلىدى
- د ئۇ ق "2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولۇمپىكىگە قارشى كومىتېتى" نىڭ پائالىيەتلىرى جانلانماقتا
- تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىدىكى ئۇيغۇر يېزىسى
- د ئۇ ق نىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
- تۇركىيەدىكى يېڭى چاغ تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى
- 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى چۇقان كۈچەيمەكتە