سابىق مىنىستىر ئابدۇخالىق چاي بىلەن سۆھبەت


2007.11.26

CharEpendi-150.jpg
تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل سابىق مىنىستىر، پروفېسسور دوكتور ئابدۇخالىق چاي. RFA Photo / Erkin Tarim

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى, بولۇپمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن سىياسى، تىجارەت، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن 1993-يىلى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلىرى دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ۋەخپىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. بۇ ۋەقپ ھەر يىلى قۇرۇلتاي چاقىرىپ تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدە قارارلار ماقۇللىماقتا. بۇ قارارلار ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ماقۇللانغان قارارلارمۇ بار. بۇ قارارلارنىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتىگە بولغان تەسىرى زادى قانچىلىك؟ تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى زادى نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل سابىق مىنىستىر، پروفېسسور دوكتور ئابدۇخالىق چاي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك ئابدۇخالىق چاي ئەپەندى سىز ھازىر مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتقان تۈركى جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلىرى دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ۋەخپى قاچان، نېمە مەقسەت بىلەن قۇرۇلغان؟

چاي: ۋەقپ 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 23-24-كۈنلىرى يەنى نورۇز بايرىمىدا ئانتالىيادا چاقىرىلغان 1-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدىن كېيىن، بۇ قۇرۇلتاينى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 1993-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان. قۇرۇلتىيىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىدى بۈيۈك پەيلاسوپ ئىسمائىل گاسپىرالىنىڭ تىلدا، پىكىردە ئىشتا بىرلىك شۇئارى بىلەن تۈرك دۇنياسىنى ھېچقانداق بىر دۆلەتكە دۈشمەن قىلماستىن، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، تېخنولوگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك سابىق مىنىستىر ئابدۇخالىق چاي ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن بېرى ھەر يىل دېگۈدەك قۇرۇلتاي چاقىرىلىۋاتىدۇ؟ ئىراقتىكى تۈركمەن مەسىلىسى، سىپرۇس مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىپ قارارلار ماقۇللىنىۋاتىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ياپونىيە پارلامېنتلىرىدە كۈن تەرتىپكە قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە پارلامېنتىدا تېخى رەسمى كۈن تەرتىپكە كەلمىدى، سىز بىر كونا مىنىستىر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

چاي: بىر ھەرىكەت باشلىغان ۋاقتىدا ئۇ ھەرىكەتنى ھەرىكەتكە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى ۋە ئىرادىسىگە قاراپ تۇرۇپ چۈشىنىش كېرەك. چەت' ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشىلانغانسېرى، ئاڭ سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۇلگەنسېرى، ئۆزئارا ھەمكارلىقى كۈچەيگەنسېرى ئۆز داۋاسىنى ياخشى ئاڭلىتالايدۇ. دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ياردەم قىلىشىنىڭ بىر چېكى بار. بۇ داۋا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە باغلىق، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىقتىسادى جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. ئوقۇغان زىيالىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى توغرا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بىلىملىك بولۇش كېرەك. يىلدا بىرقانچە قېتىم نامايىش قىلىپ قويۇش بىلەن بۇ داۋا ماڭمايدۇ. تۈرك خەلقىغە ياخشى ئاڭلىتالىسا، تۈرك خەلقى ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتەلىسە بۇ داۋا تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىدۇ.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك ئابدۇخالىق چاي ئەپەندى سىزمۇ ئۇزۇن يىللار تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مىنىستىر بولۇپ ئىشلىدىڭىز، خىتاي رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىڭىزدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلگەنمۇ؟

چاي: خىتايلار شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنى ئاڭلىغاندا چۆچۈپ كېتىدۇ. بىزگە نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە شۇنداق ئويلىشى كېرەك. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان 20 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر قازاق، قىرغىز ۋە تاتارلار خىتاي گراجدانىدۇر. بۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ، شەرىپىگە ۋە نومۇسىغا خىتاي ھۆكۈمىتى مەسئۇل. شۇڭا خىتايلار شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، ئۇلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى بېرىشى كېرەك. ئەگەر خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىدا يەر ئالغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، چەت' ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ خىتايلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق پائالىيەتلىرىدىن بىئارام بولماسلىقى كېرەك. بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىمىزدا، سىلەر ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىغا، مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىڭلار. ئۇيغۇرلار تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىسۇن دەۋاتىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ گېپىمىزنى ئاڭلىماستىن، ئۇ يەردە بولىۋاتقان بەزى ۋەقەلەرنى تۈركىيىدىن كۆرۈۋاتىدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھەقسىزلىقلىرىنى يېپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەركىن تارىم: سىز تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا تۈركىيە دۆلىتى خىتاي دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمىنگە دۆلەت شەرەپ مېدالى بەردى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تۈركىيىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

چاي: بۇ خىل ئىشلارنى كۆپ ئويلىماسلىق كېرەك. نېمىشقا دېسىڭىز؟ چۈنكى بۇنىڭغا ئوخشاش بىر مېدالنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ رەئىس جۇمھۇرىمىز سۇلايمان دېمىرەلگىمۇ بەرگەن ئىدى. شۇڭا بۇ خىل ئىشلار دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دىپلوماتىيىلىك بىر ھادىسىدۇر. بۇ مەسىلىنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا باغلاش مەنچە توغرا ئەمەس. مېنىڭ تەۋسىيەم شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىشى شەرت. ئەگەر ئۇيغۇرلار مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قالالمىسا، كېلەچىكىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىيارەتلەردە كىم كىمگە نېمە سوۋغات بەردى؟ بۇنى دەپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى بۇ كىچىك ئىشلارغا باغلىماسلىقىمىز كېرەك.

ئەركىن تارىم: ئۆتكەن ھەپتە ئەزەربەيجاندا ۋەخپىڭىزنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 11-نۆۋەتلىك تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلىرى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى، بۇ قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىپ قارارلار ماقۇللاندى، بۇ قارارلارنىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتىگە تەسىرى بولامدۇ؟

چاي: بۇنى سىزگە شۇنداق ئىزاھ قىلاي، تۈركىيە پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلدى، ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتتى. تۈركىيە تارىختىن بېرى بېشىغا كۈن چۈشكەن تۈركىي مىللەتلەر پاناھلىق تىلەيدىغان دۆلەت بولۇپ كەلدى. بۇرۇن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە رۇسلارنىڭ زۇلمىدىن قاچقان تۈركىي مىللەتلەرگە تۈركىيە قوينىنى ئاچتى. تۈركىيە 1983-يىلىدا ئافغانىستان كەلگەن كۆپ ساندا تۈركىي مىللەتنى قوبۇل قىلدى. 1949-يىلىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايلارنىڭ زۇلمىدىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىگە چىقتۇق، بۇ ئەھۋال ھازىرقى كۈنىمىزدىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ھەر يىلى تۈركىي مىللەتلەردىن كەلگەن 1000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش پۇلى بېرىپ ئوقۇتىۋاتىمىز، ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار. 16 يىل ئىچىدە مۇستەقىل بولغان بولالمىغان تۈركىي مىللەتلەردىن 30-35 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىنى تۈركىيىگە ئەكىلىپ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتتۇق. بۇلارنىڭ كۆپى بىزنىڭ قۇرۇلتايدا ئېلىنغان قارارلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ قىلىنغان خىزمەتلەردۇر. شەرقىي تۈركىستان داۋاسى مۇقەددەس بىر داۋا، بۇ داۋا مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.