قەيسەرى ۋالىسىنىڭ خوشلىشىش زىياپىتىگە د ئۇ ق مەسئۇللىرى قاتناشتى


2007.12.05

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان يەرلەردىن بىرى بولغان قەيسەرىنىڭ ۋالىسى، سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئوسمان گۈنەش ئەپەندى تۈركىيە ئىچكى ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن . ئوسمان ئەپەندى ئۇزۇن يىل ۋالىلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن قەيسەرىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرىغا ۋىدالىشىش زىياپىتى بەرگەن . بۇ زىياپەتكە شەھەر باشلىقلىرى، گېنېراللار، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ بۇيىچە قاتناشتى.

سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، قەيسەرى ۋالىسى ئوسمان گۇنەش ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ئامراقلىقى بىلەن تونۇلغان بىر كىشى بولۇپ، ئۇ ۋىدا سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلغان. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ زىياپەتكە قاتناشقان 500 دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرگە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سابىق ئىچ ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە قەيسەرى ۋالىسى ئوسمان گۇنەش ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۇيغۇر مىللىي قىياپىتى گەۋدىلەنگەن تون كېيگۈزگەن . سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيىدە بۇ خىل پائالىيەتلەرگە تەكلىپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئاڭلىتىشى ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.