ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەنمەكتە

0:00 / 0:00
hojjetlik-film-tartilmaqta-200.jpg
د ئۇ ق مۇاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى. RFA Photo / Erkin Tarim

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا داۋاملىق كۈن تەرتىپكە كېلىشى تۈرك ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتتى. 2007 - يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۈگۈنگىچە تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزيەسى بولغان ت ر ت تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن قازاقلار ھەققىدە 3 ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىملەر تېلېۋىزىيەلەردە كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

تۈنۈگۈن يەنە، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كامپ تېلېۋىزيەسى `شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار` تېمىسىدا بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشكە باشلىغان.

بۇ ھۆججەتلىك فىلىم قەيسەرى ۋالىلىقى، قەيسەرى ساياھەت ئىدارىسى ۋە قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىشبىرلىكى بىلەن ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، فىلىمدە قەيسەرىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر مەدىنىيىتى، ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەكلىرى، ناخشا ئۇسسۇللىرى ۋە چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەھۋالى ئاڭلىتىلىدىكەن. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە يەنە خىتاينىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا تىبەتتە يېقىندىن بېرى مەيدانغا كېلىۋاتقان ھادىسىلەر ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلىدىكەن. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم فىلىم ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن فىلىمنىڭ رېژىسسورى ئالى ئەپەندى، د ئۇ ق مۇاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ژورنالىست ۋارىسجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رېژىسسورى ئالى ئەپەندى، فىلىم ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەيسەرىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇلار ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەيلى دېدۇق. بىز ھۆججەتلىك فىلمىمىزدە، بۇ ئۇيغۇرلار تۈركىيىگە قاچان قانداق كەلدى؟ تۈركىيىگە كېلىش جەريانىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولدى؟ بۇ ئۇيغۇرلار تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ قىيىنچىلىقلىرى نېمە؟ ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى قانداق قوغداپ كېلىۋاتىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاپ تېپىشقا تىرىشىمىز. بۇلاردىن باشقا ھۆججەتلىك فىلمىمىزدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغىمۇ يەر بېرىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم تۈرك مەدەنىيىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدە ئورنى بار. ھۆججەتلىك فىلىمىمىزدە يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈستىدىمۇ توختىلىمىز." (ئەركىن تارىم)