تۈركىيە خالىسانە فوندىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنى ئۇيغۇرلار ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ساھىبخانلىق قىلغان بولۇپ، يىغىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2008.11.25
Xalish-fondi-uyghurlar-305.jpg ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺳﺎﻫﯩﺒﺨﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻓﻮﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﻫﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

يىغىنغا تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك نىجاتى جەيلان ئەپەندى، ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى نەجمى سادىق ئوغلى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىغا ئەزا فوند ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇل ياكى ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئى 30 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندا تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ رەئىسى نىجاتى جەيلان ئەپەندى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە ئېچىلىشى بۇ جەمئىيەت بىلەن تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىغا ئەزا فوند ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۆز ‏- ئارا ھەمكارلىشىپ خىزمەت‏- پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە فوند ۋە ئىجتىمائىي تەشىكىلاتلارنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە تۈركىيىنىڭ ئىجـتىمائىي جەمئىيەتلەر قانۇنى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىق بىر قانچە تۈردە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، ئۆتكەن ھەپتە غۇلجا شەھىرىدە خىتاي ساقچىلىرى ئارزۇگۇل ئىسىملىك بىر ھامىلە ئايالنى پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلدى دەپ تۇتقانلىقىنى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خىتايغا ئارزۇگۈلنى قويۇپ بېرىشكە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرى بېسىمنىڭ تەسىرى ئاستىدا سەيشەنبە كۈنى ئارزۇگۈلنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغان يىغىن ئىشتىراكچىلىرى قاتتىق ئەپسۇسلاندى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنىڭ تىزراق ھەل بولۇشى ئۈچۈن بىر چارە ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يىغىن ئاخىرىدا تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ رەئىسى نىجاتى جەيلان ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندى، سىز تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟

‏- شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، چېكىۋاتقان زۇلۇملىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتالماي كېلىۋاتىدۇ، خەلقئاراغا ئۇقتۇرالمايۋاتىدۇ، ئۇلار ھازىر ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى ئورگاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ بىر قانچە دۆلەتلىرىدە زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ھېچ قايسىسىغا ئوخشىمايدۇ دەپ قارايمەن، چۈنكى ئۇ يەردىكى ئىنسانلار چېكىۋاتقان زۇلۇملارنى ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەرنى دۇنيا ئاڭلىمايۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەر زامان ئۇلارنىڭ يېنىدا، ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنى، ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلغان كىم ۋە قايسى سېستىما بولۇشتىن قەتئىينەزەر بىز ئۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز. ھەممىمىز بىرلىك، باراۋەرلىك ئىچىدە، ئۇلارنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئادالەت ساھەسىدىكى ھەقلىرىنى تەلەپلىرىنى خەلقئارا ھوقۇق سەھنىلىرىگە كۆتۈرۈپ چىقىشىمىز لازىم.

ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندى، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي دائىرىلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى،قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، ئۇيغۇر قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى، 18 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشنى چەكلەش سىياسىتى قاتارلىق بىر قانچە سىياسەتلەرگە ئۇيغۇرلار نارازى بولۇپ كەلمەكتە. سىزچە بۇ مەسىلىلەر ھەل بولامدۇ ياكى بۇ ئۇسۇلدا داۋام قىلامدۇ؟

‏- بۇ مەسىلىلەر ھەل بولۇشى لازىم بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي مەسىلىلىرىمىزدۇر، مېنىڭ تۈركىيىدە ياشىشىم، بىر شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىندىشىمنىڭ ئۇ يەردە ياشىشىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. ئازاپ ۋە قىيىنچىلىقنى بىزمۇ ھېس قىلىشىمىز لازىم. بىز بۇ ئازاپ ۋە قىيىنچىلىقنى ھېس قىلغاندا ئاندىن بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. بۇ سىياسەتلەر زۇلۇم ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر جىنايەتتۇر. ئاتېئىزم ‏- ئىنسانلار ئاللاھقا ئىشەنمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆز ئالدىغا، ئەقلىگە تايىنىپ بىر شەيئىنى ئىلاھ قىلىۋالىدۇ، مەسىلەن، خىتايلار ئاتېئىزمنى داۋا قىلىپ تۇرۇپ، ماۋنى بۇتقا ئايلاندۇردى ئۇلار ماۋغا چوقۇنىدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ نۇرى ھەر يەردە يورۇيدۇ.

ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندى، سىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا دەيدىغان سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟

مەن ئۇلارغا سەۋىرچان بولۇشىنى تىلەيمەن، ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلغان زامان ئازادلىق، ھۆرلۈك، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە تىنچلىق بەرپا بولىدۇ. بىرلىك، باراۋەر ۋە ئىناق ‏- ئىتتىپاق بولساق، ئاللاھ بىزگە ياردەم قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن، قېرىنداشلىرىمغا سەمىمىي سالام يوللايمەن.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.