تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ۋاڭ لېچۇەننىڭ سۆزلىرى ھەققىدە توختالدى


2005-08-26
Share

تۈركىيىدىكى "رادىكال گېزىتى" 26-ئاۋگۇست كۈنى "خىتاي ئۇيغۇرلارنى يېڭىدىن تۇتقۇن قىلىشقا باشلىدى" ماۋزۇلۇق تەپسىلى خەۋەر ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، ۋاڭ لېچۇەننىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە يەر بېرىلگەن شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلى، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سىيىت تومتۈرك ئەپەندى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ لېچۇەننىڭ باياناتىغا جاۋاب قايتۇردى. تۈركىيە ياۋرو – ئاسىيا ستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ لېچۇەننىڭ بېيجىڭدا بەرگەن باياناتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت