تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈركىيىدە شېھىتلەرنى خاتىرلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى
2007.03.19
مەشھۇر چاناككالە ئۇرۇشى 1915-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئەنگىلىيە، فرانسىيە باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى بىلەن باشلانغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ ئۇرۇش 3-ئاينىڭ 18-كۈنى قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلغان تۈركلەرنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان. ئۇرۇشتا 265 مىڭ تۈرك ئەسكىرى شېھىت بولغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركلەر بۇ كۈننى ھەر يىلى مۇراسىملەر بىلەن خاتىرلەپ، ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك ئازاد ۋە مۇستەقىل ياشىشى ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان قەھرىمان شېھىتلىرىنى ئەسلىشىدۇ.
تارىخچىلارنىڭ يېزىشىچە بۇ ئۇرۇشقا تۈركلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان ئىكەن. ھەر يىل بولغاندىكىگە ئوخشاش بۇ يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى تۈركىيە چاناككالە ئۇرۇشىنىڭ 92 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان گېلىبولۇ يېرىم ئارىلىدا شېھىتلەرنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركلەر ۋە چەتئەللىكلەردىن بولۇپ، 20 مىڭ كىشى قاتناشتى. ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان 70 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمۇ بۇ مۇراسىمغا قاتناشتى. ئۇلار بۇ يەردە تۈركىيىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا ئائىت مۇزىيلەرنى، شېھىت قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلدى.
بۇي مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بۇ ساياھەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش سېكرېتارى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ۋە پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى
- د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىر ھەپتىلىك تۈركىيە زىيارىتى مۇۋاپىقيەتلىك ئاخىرلاشتى
- د ۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىن بىلەن كۆرۈشتى
- تۈركىيە-خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق كومىتېتى باشلىقى سالىھ كاپۇسۇز بىلەن سۆھبەت
- د ئۇ ق رەھبەرلىرى تۈركىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى