خىتاي باش مىنىستىرى تۈركىيىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەخمەت ئېيتتى

0:00 / 0:00

تۈركىيە باش مىنىستىرى ئابدۇللا گۈل 1- فېبرال باشلانغان خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ۋېن جياباۋنىڭ "دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى قوللاپ كەلگەن تۈركىيىگە رەخمەت ئېيتىمىز" دېيىشى، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز تۈركىيىدىكى تەرجىمان گېزىتى ئوبزورچىسى سەرۋەت كاباكلى ۋە تۈركىيە ياۋرو –ئاسىيا ئىستراتېگىيە مەركىزى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.