تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت ئايدىن خىتايدا زىيارەت ئېلپ بارماقتا

0:00 / 0:00
Ministiri-mehmet-aydin-200.jpg
دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت ئايدىن ئەپەندى د ئۇ ق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. RFA Photo

تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت ئايدىن ئەپەندى خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارماقتا. ۋاقىت گېزىتىدە يەر بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى 2015 - يىلى دۇنيا تىجارەت يەرمەنكىسىنىڭ ئىزمىردە ئېچىلىشى ئۈچۈن خىتاينىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ھەر خىل ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئىكەن.

دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت ئايدىننى بېيجىڭ ئايروپىلان ئىستانسىسىدا تۈركىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوكتاي ئۆزۈيە بىلەن خىتاي خەلقئارا تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى گوڭ چىجۈن كۈتۈۋالغان. خىتايدا زىيارىتى داۋام قىلىۋاتقان دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت ئايدىن ئەپەندى، خىتايلارنىڭ خەلقئارادا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، دۇنيادا بۇنىڭدىن كېيىن خىتايسىز ئىش بولمايدىغانلىقىنى دېگەن. مەھمەت ئايدىن ئەپەندى خىتاي ئۇچۇر مىنىستىرلىكى مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ گۇوچىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، مەسىلىلىرى بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرققە ئوخشاش مەسىلىلەر كۆپ دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ھەققىدە توختالغان دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت ئايدىن ئەپەندى،"ھۇنتىڭتوننىڭ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى" ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن ئۇزاق شەرق مەدەنىيەتلىرى بىرلەشسە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قېيىن ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى لازىم دېگەن كۆز قارىشىنى تەكىتلىگەن .

تەنتەربىيە ۋە مەتبۇئات ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت ئايدىن ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشىدا خىتاي مەتبۇئاتلىرى بىلەن تۈرك مەتبۇئاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مەھمەت ئايدىن ئەپەندى، ئالدىمىزدىكى 10 - 20 يىل ئىچىدە خىتايدىن تۈركىيىگە 10 - 20 مىليون ساياھەتچىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كېيىن خىتاي ئۇچۇر مىنىستىرى مۇئاۋىن ۋاڭ، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرىنىڭ 2015 يىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا تىجارەت يەرمەنكىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىنى،تۈركىيىنىڭ دۇنيادا تۇنجى قېتىم دۇنيا تىجارەت يەرمەنكىسى ئېچىلغان مۇسۇلمان دۆلىتى نامىغا ئىگە بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. خىتاي ئۇچۇر مىنىستىرلىكى مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ گۇوچىڭ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشقا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۆزئارا ژۇرنالىست ئەۋەتىش توختامنامىسىغا قول قويۇلغان.

دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت ئايدىن ئەپەندى د ئۇ ق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ تۈركىيىنىڭ خىتايدىن كۈتكەنلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق قارايدۇ؟ دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت ئايدىننىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنارمۇ؟ (ئەركىن تارىم)